• لاتارىيەچى «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-04 11:32
  • لاتارىيەچى «تۇغۇلغان كۈن» نۇمۇرى بىلەن نۇمۇر تاللاپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    سەي خانىم ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلگەندە تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى : "قوش رەڭلىك توپ" ئويۇنىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولساممۇ، ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم.  مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش جەريانى مېنى ئەڭ ھوزۇرلاندۇرىدۇ، ئۆزۈم كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان نومۇر بىلەن مۇكاپات نومۇرى ئۇدۇل كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم، مۇكاپات پۇلىغا كەلسەك ، مېنىڭ سۆيگۈنۈم بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياجانلانسۇن! –دېدى.

    كورلا شەھىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سەي خانىم ئادەتتە ھۆسن تۈزەش، بازار ئايلىنىشتىن باشقا يەنە پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  ئۇزۇن يىللىق لاتارىيە سېتىۋىلىش جەريانىدا سەي خانىم پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشنى پىششىق ئىگەللىگەن ، لېكىن ئەڭ كۆپ سېتىۋالغىنى يەنىلا« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ئىدى .  ئادەتتە سەي خانىم لاتارىيە بېكىتىدە لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا يەنە« شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورى» غا چىقىپ تۈرلۈك ئويۇن نومۇرىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سەي خانىم 65288036 لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن« قوش رەڭلىك توپ» نۇمۇر تاللاپ ئىلگىرىكىدەكلا بەش ھەسسە دو تىكتى .  ئەتىسى چۈشتە سەي خانىم ئىشخانىدا دەم ئېلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز « قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات نومۇرىنى تېخى تەكشۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپ دەرھال لاتارىيە بېلىتى بىلەن« شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تورى» دىكى« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات نومۇرىنى سېلىشتۇردى.

    ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى دو نومۇر ئۇنى خوشال قىلىۋەتتى، سەي خانىم بۇ دو نومۇرىدىكى ئالتە قىزىل توپنىڭ شۇ قارارلىق مۇكاپات نومۇرىدىكى ئالتە قىزىل توپقا تامامەن ماس كېلىدىغانلىقىنى، پەقەت كۆك توپلا بىردەك ئەمەسلىكىنى بايقىدى.  سەي خانىم شۇندىلا ئۆزىنىڭ « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىنىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 533.370 مىڭ يۈەن بولدى !   




    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك