• يېڭى لاتارىيەچى شياۋجاڭ ئەپەندىم 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-04 11:53
  • يېڭى لاتارىيەچى شياۋجاڭ ئەپەندىم 250 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    "بىز دائىم دوستلىرىمىز بىلەن ھەرخىل تەملىك تائاملار ۋە قىزىقارلىق نەرسىلەردىن بەھىرلىنىمىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق پاراڭنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى. ھەقىقىي چۇڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى يەپ، دەرھال دوستۇمغا تەۋسىيە قىلدىم ھەمدە ئۇلارنى كېلەر قېتىم بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلدىم. مەن يېقىندا بىر يېڭى لاتارىيەچى بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ دوستىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن لاتارىيەنى تۇنىغان ۋە ئويناشقا باشلىغان لاتارىيەچى ئىدى . ئۇ لاتارىيە سېتىۋالغاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن لاتارىيە سېتىۋالغىلى ئىككى ئاي بولمايلا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 
    شياۋجاڭ ئارام ئالغان كۈنى دوستلىرى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى، غۇلجا ناھىيىسى 65410305 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىن ئۆتكەندە، دوستى ئۇنىڭغا بىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ھاردۇق چىقىرىش تەكلىپىنى بەردى، شياۋجاڭ بۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدى .  ئۇ سېتىش نۇقتىسىغا كىرگەندىن كېيىن دوستلىرىنىڭ لاتارىيە بېلىتى قىرىۋاتقانلىقىغا قاراپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى، ئۇ يېڭى ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن سىناپ باقماقچى بولدى .  قاراپ تۇرغاندىن كۆرە ھەرىكەتلىنىش كىرەك ، شياۋجاڭ 10 يۈەن قىممىتىدىكى بىر لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ قالايمىقان قىرىشقا باشلىدى ، مۇكاپات چىققان-چىقمىغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىرىپ بولغان لاتارىيە بېلىتىنى دوستىغا بەردى.  "بۇنى كۆرۈپ، دوستى ھەيران بولۇپ ئاغزىنى يۇمۇلماي: « قالتىس، مۇكاپاتقا چىقىپتۇ ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىقىپتۇ ! » دېدى. شياۋجاڭ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ مۇكاپات چىقىش قائىدىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن ، بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ يوپۇق يېپىلغانلىقىنى ، بىرىنچى يۆنىلىشتىكى ساننىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى.  ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات مانا مۇشۇنداق قىلىپ يېڭى لاتارىيەچى شياۋ جاڭنىڭ يانچۇقىغا كىرىدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياۋجاڭ دوستلىرى بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى ئالدى.
    شياۋجاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: "لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىلى ئۇزۇن بولمىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇنچە كۆپ مۇكاپات چىقتى، بەك تاساددىپىيلىق بولدى، بەك خۇشال بولدۇم!"  ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: ئۆزىنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر نەچچە يىل بولمىغانلىقىنى، بانكىدا قويغان پۇلىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇكاپات پۇلىنى ساقلاپ قويۇپ كۈتۈلمىگەن ئېھتىياجلارغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك