• دىيابېت بىمارلىرى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كەڭرەكلىرىنى تاللاپ كېيىش كېرەك

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-16 11:36
  • دىيابېت بىمارلىرى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ كەڭرەكلىرىنى تاللاپ كېيىش كېرەك

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكىتىمىزدە دىيابېت بىمارلىرى يىلدىن يىلىغا كۆپەيمەكتە  ھەمدە ياشلاشماقتا، بىمارلار يېمەك-ئىچمەك ۋە ھەرىكەتكىلا دىققەت قىلماستىن، كىيىم-كېچەككىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ تېرىسىدە ئاسانلا قىچىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر تېرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىم-كېچەكنىڭ تەركىبىدە قوي يۇڭى ياكى خىمىيەلىك تالا بولسا، ئاسانلا تېرە قىچىشىدىكەن. شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى ئىچ كىيىمنىڭ ساپ پاختىلىقىنى تاللاش، كۈندە ئىچ كىيىمنى ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئايال دىيابېت بىمارلىرى، چۈنكى ئايال دىيابېت بىمارلىرىنىڭ سۈيدۈك تەركىبىدە كۆپ مىقداردا گىلوكوزا بولغاچقا، ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا قىلىپ، سۈيدۈك يولىنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن.

      كەڭرەك كىيىملەرنى تاللاش. بەدەنگە چاپلىشىدىغان كىيىملەر ھازىرقى مودا يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ تاللىشى. بۇنداق كىيىنگەندە، بەدەن شەكلى زىلۋا كۆرۈنىدۇ. دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئەسلىدىلا قان ئايلىنىشى نىسبەتەن ناچار بولۇپ، چاپلىشىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش قان ئايلىنىشقا تېخىمۇ پايدىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈز ۋە قىشنڭ كىرىشى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ياقىسى ئېگىز كىيىملەر ئىسسىقلىق ساقلايدۇ دەپ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ دىيابېت بىمارلىرىغا تازا ماس كەلمەيدۇ. بولۇپمۇ قىش پەسلىدە، ھاۋا قۇرغاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئىسسىق يېمەكلىكلەر يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، ئەگەر دىيابېت بىمارلىرى ياقىسى ئېگىز كىيىملەرنى كىيگەندە گال ئاغرىش، بەدەن قىزىپ تىت-تىت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز ياقىلىق كىيىملەر بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال ھەرىكەت قىلىشىغا، يەنى بويۇن قان تومۇرى ۋە بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكى بېسىم رېتسېپتورى بېسىمغا ئۇچراپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش، ھەتتا ۋاقىتلىق توختاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر دىيابېت بىمارلىرىنىڭ شارپا يۆگەش ئارقىلىق بوينىنى ئىسسىق تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

      رېزىنكە بوغقۇچلۇق ئىشتانلارنى تاللىماسلىق، چۈنكى ئىشتاننىڭ بېلى بەك چىڭ باغلانسا، بەلنىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، بەل ئومۇرتقىسى زەخىملىنىپ، بەل، تۆۋەنكى مۈچە ئاغرىيدۇ. بۇ يەنە ئاشقازان-ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىشتىھاسىزلىنىش، قەۋزىيەت قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. دىيابېت بىمارلىرىنىڭ بەل ئورنى كىندىك قىسمى بىلەن گورىزونتال بولۇشى، بەل بىلەن بەل ئارىلىقىغا ئەڭ ياخشىسى يەنە بىر بارماق سىغىشى كېرەك.

        دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئاياغ ۋە پايپاقنى توغرا تاللىشى ئىنتايىن مۇھىم، بولمىسا ئاسانلا دىيابېت ئەگەشمە كېسەللىكى پۇت قىسمىدا پەيدا بولىدۇ. پايپاقنىڭ ئىمكانقەدەر سۇس رەڭلىك، پاختا تالالىقىنى تاللاش، پۇتتىكى جاراھەت ئېغىزىنى بالدۇرراق بايقاش؛ تېگىش سېزىمىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، زىيادە قېلىن پايپاق كىيمەسلىك كېرەك. پايپاق ئېغىزى چىڭ بولۇشى پۇتتىكى قاننىڭ يۈرەككە ئېقىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى  پۇت ئىششىش، پۇت مۇزلاش، پۇت ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، مېڭىش قولايسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا پايپاقنىڭ ئېغىزى كەڭرەك بولۇشى كېرەك. ئاياغنىڭ تېگى قېلىن، تۇمشۇقى يۇمىلاق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشىسىنى تاللاش كېرەك؛ ئايال دىيابېت بىمارلىرى پاشنىسى بەك ئېگىز ئاياغ كىيىپ، بەل قىسمىنىڭ چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.


    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك