• 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلاندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن باشلاندى

    10–ئاينىڭ 14–كۈنى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشى باشلانغان، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10- ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت سەككىزدىن 10- ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18گىچە بولغان ئارىلىقتا، «مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2020- يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش مەخسۇس تور پونكىتى»( //bm.scs.gov.cn/kl2020 : httpغا كىرىپ، توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن، ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يازمىچە ئىمتىھانى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى شەھىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە قىسمەن چوڭراق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئىلگىرىكى يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاساسلىقى مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن: بىرىنچى، سىياسىي تەلەپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈش باشتىن-ئاخىرغا سىڭدۈرۈلىدىكەن. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلام يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىمتىھان ئېلىش سىياسىتى ۋە قوبۇل قىلىش پىلانى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە مايىللىشىدىكەن. ئۈچىنچى، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادەم تاللاشنىڭ توغرىلىقى، ئىلمىيلىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدىكەن.

      بۇ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەمۇرلار قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن مەركەز ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەمۇرلار ئىمتىھانى بولۇپ، 24 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلىش پىلانلىنىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى 86 ئورۇن، بىۋاسىتە قاراشلىق 23 ئاپپاراتقا چېتىلىدىكەن.

      دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ئەسكەرتىدۇكى، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە كىتابى كۆرسىتىپ بېرىلمەيدۇ، ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ئېچىلمايدۇ ۋە ھەر قانداق ئاپپاراتقا كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ئېچىشنى ھاۋالە قىلمايدۇ. نۆۋەتتە جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانى گۇرۇپپىسى، ئىمتىھان دەرسلىكى تۈزۈش كومىتېتى، مەركەز مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق بەرگەن قاتارلىق ناملار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا مۇناسىۋەتلىك كونسۇلتاتسىيە سىنىپى، كونسۇلتاتسىيە تور بېكىتى ياكى تارقىتىلغان نەشر بۇيۇمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى ئىمتىھان بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئازدۇرۇشتىن ساقلىنىپ، ئالدىنىپ قالماسلىقىنى سورايمىز.

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00