• جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە پىراۋا ئىشلەتمەيدىغان ئادەم

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە پىراۋا ئىشلەتمەيدىغان ئادەم

    ئاپتوموبىلنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پىراۋىمۇ بارا-بارا پۇقرالارنىڭ يول يۈرۈش «كىملىكى»گە ئايلاندى، دۆلەتمۇ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك قاتناش قانۇن-نىزاملىرىنى تۈزۈپ چىقتى. قاتناش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە مۇناسىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى شەرت. لېكىن دۆلىتىمىزدە شۇنداق بىر ئادەم، ئادەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە پىراۋا ئىشلەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش ساقچىلىرى ئۇنى كۆرسىمۇ توسمايدۇ. بۇ كىشى دەل «دۇنيا شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لوڭپىڭ. 

    يۈەن لوڭپىڭ 1930-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭدا تۇغۇلغان، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى دېئەن ناھىيەسىدىن، جۇڭگونىڭ شالغۇت شال مۇتەخەسسىسى، شالغۇت شالنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باشلامچىسى، «دۇنيا شالغۇت شال ئاتىسى». 1953-يىلى شىنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسى (ھازىرقى شىنەن داشۆسى)نى پۈتكۈزگەن، 1995-يىلى جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، 1999-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بېيجىڭ رەسەتخانىسى شىمىت CCD كىچىك سەييارە تۈرى گۇرۇپپىسى بايقىغان بىر كىچىك سەييارىگە «يۈەن لوڭپىڭ» دەپ نام بېرىلگەن، 2000-يىلى دۆلەتلىك ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2006-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان، 2010-يىلى ئاۋمېن پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 

    يۈەن لوڭپىڭ شال تېرىشنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغاندىن تارتىپ پىيادە ماڭغان، كېيىن ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت مىنگەن، 2001-يىلى 71 ياشقا كىرگەن يۈەن لوڭپىڭ ياشىنىپ قالغاچقا، تەجرىبە ئېتىزىدىن شەھەر رايونىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىقتا ۋېلىسىپىت، موتسىكلىت مىنىپ بېرىپ-كېلىپ بەك چارچاپ كەتكەچكە، ئاخىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ كېلىشنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان. يۈەن لوڭپىڭنىڭ پىراۋىسى يوق، شۇڭا قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئاپتوموبىل ھەيدىسە بولمايدۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تەستىقىدىن كېيىن، قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى يۈەن لوڭپىڭغا بىر شەرەپ پىراۋىسى سوۋغا قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈش ئۆمۈرلۈك كەچۈرۈم قىلىندى. 

    بۇنداق دۆلەت گۆھىرى دەرىجىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى پۇقرالارنىڭمۇ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ، يۈەن لوڭپىڭ ئەزەلدىن ئاپتوموبىلنى يولغا ھەيدەپ چىقمايدۇ، بەلكى ئۆيدىن تەجرىبە ئېتىزىغا بارىدۇ، يۈەن لوڭپىڭ قاتناش قائىدىسىگە ئالاھىدە رىئايە قىلىدۇ. بۇ دەل بىزنىڭ قەلبىمىزدىمۇ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك ئادەم.

    مەنبەسى :جۇڭگو رادىيو تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00