• ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىشنى ئازايتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-16 12:10
  • ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىشنى ئازايتتى

     ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2016- يىلىدىن بۇيان، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغان. مەملىكەت بويىچە ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇس 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 87 مىڭ 800 نوپۇس ئازايغان.

     ئاپتونوم رايون 2016- يىلى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە، دىققەتنى «ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى» دە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ «كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كىتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كىتىش» مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىدىغان جاي، دوختۇر، تۈزۈم كاپالىتى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: ئېغىر كېسەللەرنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش- داۋالاش ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللەرگە كېلىشىم بويىچە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەللىرىنى مەخسۇس قۇتقۇزۇش- داۋالاش كېسەل تۈرىنى دەسلەپكى يەتتە تۈردىكى توققۇز خىلدىن 32 خىل كېسەلگە كۆپەيتتۇق ھەم مۇناسىپ كېسەل تۈرلىرىنى كىلىنىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جايلارنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، «ئالاقە تورى بىلەن داۋالاش- ساغلاملىق» نى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يىراقتىن داۋالاش مۇلازىمەت تورىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 96 ناھىيە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

     شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز نامرات ئاھالىلەرگە شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى، داۋالاش- قۇتقۇزۇش تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى» دا داۋالاشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى «ئۈچ ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى» تۈزۈم كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدى. شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بالنىتسىدا يېتىش سىياسىتى دائىرىسىدە ئاتچوت قىلىش نىسبىتى 2017- يىلىدىكى %58.19 تىن 12 پوئىنت ئۆرلەپ، نامرات ئاھالىلەرگە مايىللاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى. مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇ يىل 2 مىليارد 483 مىليون يۈەن داۋالاش- قۇتقۇزۇش تۇلۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 59 مىليون يۈەنگە يىتىپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %83 نى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون مالىيەسى 300 مىليون يۈەن ئاجىرىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات 22 ناھىيەدىكى 1 مىليون 627 مىڭ 500 ئېغىر نامرات ئاھالىنى تۇلۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، «ئۈچ ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتىسى» غا نامرات ئاھالىلەرنىڭ تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دۇختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى قوشۇپ ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن %95 كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى. 

      مۇتەللىپ روزى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايون سالماقنى داۋاملىق زورايتىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېسەللىك ۋە ساغلاملىق خەۋپى ئامىللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك كېسەللىك، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، قاپلىق قۇرت كېسىلى، يود كەملىك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ؛ ئانا- بالىلار ساغلاملىقى تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئاياللىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى، كۆكسىنى تەكشۈرۈش ۋە نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى بارلىق نامرات ناھىيەلەرگە كېڭەيتىدۇ؛ ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرىكى سۈپەتلىك تۇغۇش بويىچە ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى كەمتۈك تۇغۇلغان بالىلارغا ياردەم بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، نامرات رايونلارنىڭ 

    مەنبەسى :شىنجاڭ خەۋەر لىنيەسى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك