• كۆڭلىڭىزدە قانداق مۇھەببەتنى ئەڭ ئارزۇ قىلىسىز؟

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-16 12:11
  • كۆڭلىڭىزدە قانداق مۇھەببەتنى ئەڭ ئارزۇ قىلىسىز؟

    سىناق باشلاندى: تۆۋەندىكى رەسىمدىن تۇنجى بولۇپ نېمىنى كۆردىڭىز؟ بىۋاسىتە سېزىمىڭىزگە ئاساسەن جاۋاب بېرىڭ.

    1. قولىنى يۇيۇۋاتقان ئايال
    2. بېلىق تۇتۇۋاتقان ئەر
    3. ئوت يېقىۋاتقان قىز
    4. يانچە ياتقان يۈز

    1. ئىككى كىشىلىك دۇنيانىڭ رومانتىكلىقىغا ئىنتىلىش
    سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مۇھەببەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شۇڭا ئىككى كىشىلىك دۇنيا يېتەرلىك.
    بىر تەرەپتىن، سىزنىڭ قارىشىڭىزچە بالا تۇغۇش ئاسان، بالا بېقىش بەك تەس، سىزنىڭ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا يېتەرلىك ئىشەنچىڭىز كەمچىل، ئۆزىڭىزنىڭ قان-قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ دۇنيادىكى تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىنى تېخىمۇ خالىمايسىز؛
    يەنە بىر تەرەپتىن، سىز كۆڭۈل قويۇپ ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىز بىلەن ئىككى ئادەمنىڭ رومانتىكلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىسىز، ئۇنچە كۆپ يۈك ۋە پۇتلىكاشاڭلارغا بەك كۆپ يۈرەك قېنىڭىزنى سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاشۇنداق كىشىلىك ھايات ئەركىن بولىدۇ، ئەنئەنىگە ئېسىلىۋېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ دەپ قارايسىز. سىز ياشانغاندا بىر-بىرىگە گەپ قىلماي، يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرىمەيسىز، ياشانغاندا سىزنى باقىدىغان ئادەم بولماسلىقتىن، ئائىلە شادلىقى كەم بولۇشىدىنمۇ قورقمايسىز. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىسىز. قانداقلا بولمىسۇن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزىڭىز تاللىغان، پەقەت ئۆزىڭىزگە ماس كەلگەندىلا ئاندىن ئەڭ خۇشال بولالايسىز.

    2. بويتاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئىنتىلىش
    مىجەزىڭىز سەل چېچىلاڭغۇ، ئەزەلدىن ئەركىن-ئازادىلىككە كۆنۈپ قالغان، چەكلىمىگە ئۇچراپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشنى خالىمايسىز، كۆڭلىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا سىز تېخى چوڭ بولمىغان بالا. بەلكىم سىزمۇ ئىلگىرى مۇھەببەتكە، ھەتتا توينى ئويلىشىپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئادەمنى ھاياجانغا سېلىشنىڭ ھەقىقەتەن تەس ئىكەنلىكىنى، ئازار يېگەندىن كېيىن غەيرەتكە كېلىپ باشتىن باشلاشنىڭ تېخىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىڭىز.
    شۇڭا، ئىككى ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇشتىن قورقۇپ، يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالدىڭىز. بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدا سىز يەنىلا توي تۇرمۇشىغا كىرىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئاتا-ئانىڭىز ۋە جەمئىيەتنىڭ بېسىمى، ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىنى ئۇچرىتىش ئەمەس.

    3. تۆت جان ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىغا تەلپۈنۈش
    كىچىكىڭىزدىن تارتىپلا رومانتىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تىنچ، خۇشال-خۇرام ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئىللىق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىڭىز. ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىز ۋە بالىڭىز سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەردۇر. سىز ھەمرىيىڭىزنىڭ ئالغا بېسىپ ئاكتىپ بولۇشىنى، ئائىلىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز، سىز ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن ياشلىقىڭىزنى سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى خالايسىز؛ سىز بالىڭىزنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام چوڭ بولۇپ، باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىسىز. شۇڭا سىز بىر مەسئۇلىيەتچان ئائىلە باشلىقى بولۇپ، ئائىلىڭىزگە يۈرەك قېنىڭىزنى سەرپ قىلالايسىز. سىزنىڭ قەلبىڭىز ئەنئەنىۋى تۆت جانلىق ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىغا تەلپۈنىدۇ، سىزنى سۆيىدىغان ھەمرىيىڭىز، يەنە ئىككى زېرەك بالىڭىز بولسا، ھاياتىڭىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولغان بولىدۇ.

    4. ئۈچ ئەۋلاد بىللە ياشايدىغان ئىناقلىققا ئىنتىلىش
    سىز كىچىكىڭىزدىن باشلاپ چوڭ ئائىلىدە چوڭ بولغان، چوڭ ئائىلىگە كۆنۈپ قالغان، ئادەم كۆپ بولسا قىززىيدۇ، قەلبىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا چوڭقۇر رىشتە باغلىغاندەك ھېس قىلالايسىز. گەرچە سىز جورىڭىزنى بەك ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، ئەمما قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئارزۇ قىلىسىز، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنى دەپ جاپاغا چىداپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، بالىلارنى بېقىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا دائىر بەزى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ پايدىسى بار.
    ئەڭ مۇھىمى، سىز ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ساغلام ۋە جەم بولغانلىقىنى كۆرسىڭىز، ھەقىقىي بەختلىك، خاتىرجەم بولغان بولىسىز، بۇ خىل بەختنى باشقىلار ئەسلا ھېس قىلالمايدۇ.

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك