• يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سۈرئەت چېكى نېمە ئۈچۈن 120 بولىدۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ سۈرئەت چېكى نېمە ئۈچۈن 120 بولىدۇ؟

    دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، كۆپچىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندا بەلكىم قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچرىدى. ئەلۋەتتە ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ناھايىتى راۋان بولىدۇ. گەرچە ناھايىتى راۋان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىگە نىسبەتەن يەنىلا بەلگىلىك چەكلىمە بار. ئېلىمىزدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسى 120. بەزىلەر قىزىقىپ مەندىن مۇنداق سورىدى، نېمە ئۈچۈن 130 ياكى 140 ئەمەس، 120لا بولىدۇ؟

    دۆلىتىمىزنىڭ يول ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ، لېكىن بىز چەتئەللەردە سۈرئەت چەكلىمەيدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇنداقتا زادى نېمىشقا بۇنداق سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ بارلىقىنى چۈشەنمەيمىز.

    ئەمەلىيەتتە مۇرەككەپ ئەمەس، ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ 120 بولۇشى، بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ بېكىتىلگەن چەكلىمە. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن 120 بىخەتەر بولىدۇ؟ بىخەتەرلىك ئۈچۈن بولسا، سۈرئەت چەكلىمىسى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇشى كېرەكقۇ؟ مەسىلەن 100 دېگەندەك. تۆۋەندە تەھرىر كۆپچىلىككە سۈرئەت چەكلىمىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن 120 قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
    ئالدى بىلەن كۆپچىلىك دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش يوللىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاسفالت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىشنى ماتېرىيالدىن باشلاپ، كەسپىي جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقىرىلدى. سۈرئەتنى 120 كونترول قىلغاندا، بالون بىلەن يەر يۈزىنىڭ سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتكە كېلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ بىخەتەر بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش ئۈنۈمى ۋە يولنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى 120 دە چەكلەشنى تەۋسىيە قىلدى.
    ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كەتسە، شوپۇرنىڭ كۆرۈش دائىرىسى تارىيىپ، پۈتكۈل كۆرۈش سېزىمى تەسىرگە ئۇچراپ، بىخەتەرلىكى تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاشقا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى ئىككى سېكۇنت، ئاپتوموبىل سۈرئىتى 120 بولغادا تومۇز تەپكىسىنى دەسسەپ تاكى ئاپتوموبىل توختىغىچە بولغان سېيرىلىش مۇساپىسى 66.7 مېتىر بولىدۇ، ئەگەر ئاپتوموبىل سۈرئىتى 140 غا يەتسە، تورمۇزلاش ئارىلىقى 77.8 مېتىرغا ئۇزىرايدۇ.

    بەزىلەر گېرمانىيەگە ئوخشاش سۈرئەت چەكلەنمىسە بولاتتى دەيدۇ، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ياۋروپانىڭ ئاپتوموبىل سۈپىتىگە بولغان كونترول قىلىش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تېخىمۇ ئازادە بولغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىگە قويغان تەلىپىنىڭ ناھايىتى قاتتىقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    مۇنداق بىر نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇلارمۇ پەقەت بىر قىسىم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىلا سۈرئەتكە چەك قويمايدۇ خالاس، شۇڭا دۆلىتىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇنداق سۈرئەتكە چەك قويۇش يەنىلا ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئومۇمەن ئېيتقاندا، 120 لىك سۈرئەت چەكلىمىسىنى كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا قوبۇل قىلالايدۇ.

    بەزى شوپۇرلار يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭغاندا ئاپتوموبىلىنىڭ ئالتە خوتلۇق بولۇپ قالمىغىنىدىن ئەپسۇسلىنىدىكەن، ئۇنداقتا سىزچۇ؟

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00

  • ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 50 يۈەندىن ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 80 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى: تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەربىرىگە كۈنىگە 50 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تاماق يەتكۈزۈپ

    1970-01-01 08:00

  • كىرىستىيانپ رونالدو: چىمپىيونلۇقنى يۇقۇمدا قىينىلىۋاتقانلارغا سوۋغا قىلىمىز

    1970-01-01 08:00

  • مايۈن پو ئاتمىدى ، تور سودىسى بارغانسىرى شاللانماقتا، دىققەت قىلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00