• 2019-يىللىق ئەڭ بىخەتەر 10 كاتتا ئاپتوموبىل

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-16 03:13
  • 2019-يىللىق ئەڭ بىخەتەر 10 كاتتا ئاپتوموبىل

    يېقىندا ئامېرىكا IIHS بىخەتەرلىك باھالاش ئورگىنى 2019-يىللىق ئەڭ بىخەتەر 10 خىل كاتتا ئاپتوموبىل تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

    بەلكىم كۆپچىلىك IIHS دىن ئىبارەت بۇ ئاپپاراتنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، بۇ يەردە كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. IIHS نىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئامېرىكا تاشيول بىخەتەرلىكى سۇغۇرتا جەمىيىتى، تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، 1959ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ ئېلىڭتون شەھىرىدە قۇرۇلغان. IIHS دۇنيادىكى ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك باھالاش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ.

    بىرىنچىدىن، ئۇ ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بولماستىن، بەلكى ئامېرىكىدىكى چوڭ سۇغۇرتا شىركىتى مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ئۈچىنچى تەرەپ پايدا ئالمايدىغان ئاپپارات. ئىككىنچىدىن، سوقۇلۇش سىنىقىنى قوبۇل قىلغان ئاپتوموبىللار بىۋاسىتە بازاردىن سېتىۋېلىنىدۇ، ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرى ئايرىم تەمىنلىمەيدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ سىناق تۈرلىرى كۆپ ھەم ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ھەر قايسى ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ.

    ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرى سىناق ئۆلچىمى ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسى بۇ ئاپپاراتنىڭ نوپۇزىنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈردى. ھازىر بىز زادى قايسى 10 خىل كاتتا ئاپتوموبىلنىڭ 2019-يىللىق ئەڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ تاللانغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. بۇنىڭ ئىچىدە كورىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، ياپونىيەدىن بىرلا ئاپتوموبىل تاللانغان.

    1. ئاۋدى A6L

    بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئاۋدى A6L. يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋدى A6L ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى MLB Evo سۇپىسى ئاساسىدا ياساپ چىقىلغان، سىرتقى شەكلىگە ئاۋدىنىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت لايىھە تىلى قوللىنىلغان، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى خىل ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىغان ئىستېمالچىلار توپىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئاپتوموبىل ئىچىگە ئاۋدىنىڭ مەۋھۇم ئورۇندۇق بۆلمىسى سەپلەنگەن، يەنە 12.3 ديۇملۇق پۈتۈن سۇيۇق كرىستاللىق پرىبور، 10.1 ديۇملۇق مەركىزىي كونترول ئېكران ۋە 8.6 ديۇملۇق ئۈچ ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان. يېڭى ئاپتوموبىلغا 2.0T يۇقىرى-تۆۋەن قۇۋۋەتلىك ماتور ۋە V6 تىپلىق 3.0T ماتور تەمىنلىنىدۇ، ھەمدە يېنىك ئارىلاش ئېنېرگىيە سىستېمىسى سەپلەنگەن.

    2. BMW3 يۈرۈشلۈكى

    BMW3 يۈرۈشلۈكى بۇ تىزىملىكتە ئىككىنچى بولدى. دۆلىتىمىزدىكى BMW3 يۈرۈشلۈكى بازارغا سېلىنغىنىغا ئۇزۇن بولمىدى، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە BMW نىڭ ئەڭ يېڭى جەمەت لايىھە تىلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۆلچەملىك ئوق ئارىلىقى ۋە ئۇزۇن ئوق ئارىلىقى نۇسخىسى بار. يەنە M ھەرىكەت يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ 10.25 ديۇملۇق iDrive 7.0 مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كاتتا ئىچكى بېزەك لايىھەسى سەپلەنگەن. ئېنېرگىيە جەھەتتە، 2.0T ماتور بىلەن 8AMT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلەنگەن.

    3. BMW5 يۈرۈشلۈكى

    BMW5 يۈرۈشلۈكى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى. بۇ ئاپتوموبىلنى تارىختىن بۇيان يېڭىلىنىپ كەلگەن ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. 1-ئەۋلاد ئاپتوموبىل تىپى 1972-يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە يەتتە ئەۋلاد ئاپتوموبىل تىپى بازارغا سېلىنىپ، كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى ئەۋلاد F10 بەلگىلىك ئاپتوموبىل تىپى ئېلىمىز ۋە چەتئەلدە ئوخشاشلا زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

    4. Genesis G70

    4-ئورۇنغا تىزىلغىنى Genesis G70. ئۇ خيۇنداينىڭ كاتتا ئاپتوموبىل ماركىسى Genesis قارمىقىدىكى ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىل بولۇپ، BMW3 يۈرۈشلۈكى ۋە بېنز C دەرىجىنىڭ رىقابەتچىسى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى يامان ئەمەس بولۇپ، V6 تىپلىق 2.0T ماتور، 2.2T ماتور ۋە 3.3T ماتور سەپلەنگەن. بارلىق نۇسخىسىغا 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ۋە ئارقا چاق سۆرەش سىستېمىسى سەپلەنگەن. تۆت چاق سىستېمىسىنى تاللاپ سەپلەشكە بولىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئاساسى ھەقىقەتەن يامان ئەمەس.

    5. Genesis G80

    بەشىنچى بولغىنى يەنىلا Genesis قارمىقىدىكى G80 بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىل Genesis نىڭ G90 دىن كېيىن بازارغا سالغان ئىككىنچى ئاپتوموبىل تىپى. G80 ئاپتوموبىلى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كاتتا ئاپتوموبىل بازىرىدا BMW5 ۋە بېنز E دەرىجە قاتارلىقلار بىلەن رىقابەتلىشىدۇ. G80 گە خيۇنداي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ V8 تىپلىق 5.0L ماتورى سەپلەنگەن بولۇپ، قىسىلىش نىسبىتى 11.8:1 گە يېتىدۇ. ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 313Nm غا يېتىدۇ. ھازىرقى نۇسخىدىكى Genesis ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن 3.0L لىق ۋە 3.3L لىق ئىككى خىل ئۆزلىكىدىن ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتورغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر قايسى پارامېتىرلىرى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

    6. Genesis G90

    ئالتىنچى بولغىنى يەنىلا ئورۇنغا تىزىلغىنى Genesis ئاپتوموبىلى، بۇنداق بولغاندا Genesis قارمىقىدىكى بارلىق ئۈچ خىل ئاپتوموبىل تىپى بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولىدۇ، دېمەك ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. G90 ئاپتوموبىلى D دەرىجىلىك ئاپتوموبىل قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بېنز S دەرىجە ۋە BMW7 يۈرۈشلۈكى قاتارلىقلارنىڭ رىقابەتچىسى.

    Genesis G90 نىڭ ئۇزۇنلۇقى 5202mm غا، ئوق ئارىلىقى 3160mm غا يېتىدۇ. ئارقا چاق سۆرەيدۇ، تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسىنى قوللايدۇ. ئۇنىڭغا V6 تىپلىق 3.8L ماتور، V6 تىپلىق 3.3T ماتور ۋە V8 تىپلىق 5.0L ماتور سەپلىنىدۇ، بارلىق نۇسخىسىغا 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدۇ.

    7. لېكساس ES 350

    يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى لېكساس ES 350، بۇ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن بىردىن بىر ياپونىيە ئاپتوموبىلى. ھازىر سېتىلىۋاتقان ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى ES350 ئاپتوموبىلىغا 3.5L ئالتە سېلىندىرلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتور بىلەن ئايشىننىڭ 8AT سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.

    8. لىنكولىن چوڭ قۇرۇقلۇق

    8-ئورۇندا تۇرىدىغىنى لىنكولىن قارمىقىدىكى ئوتتۇراھال چوڭ تىپلىق كاتتا پىكاپ - لىنكولىن چوڭ قۇرۇقلۇق. لىنكولىن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ يەنىلا V6 تىپلىق 3.0T بىلەن تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى سەپلەنگەن ھۆرمەت نۇسخىسى ۋە زۇڭتۇڭ نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ، بىراق بۇ ماتور يەنىلا دۆلەت V ئۆلچىمىدىكى ماتور بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 378 ئات كۈچىگە، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 570Nm غا يېتىدۇ. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتە، 6AT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدۇ.

    9. بېنز C دەرىجە

    توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېنز C دەرىجە، بېنز C دەرىجە بېنز جەمەتىنىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل تىپى، يېڭى نۇسخا بېنز C دەرىجىگە ئەڭ يېڭى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى ئالماشتۇرۇلغان، شۇنداقلا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كۆپ ۋاستىلىق كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسى ئۆرلىتىلگەن. ئېنېرگىيە جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا چەتئەل نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش 1.5T تۈز ستونلۇق تۆت سىلىندىرلىق ماتور بىلەن 48V مىكرو ئارىلاش ئېنېرگىيە سىستېمىسى سەپلەنگەن.

    10. بېنز E دەرىجە

    ئونىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بېنز E دەرىجە. بېنز E دەرىجە بېنز شىركىتى ئىشلەپچىقارغان C دەرىجە بىلەن S دەرىجە ئارىسىدىكى ئوتتۇراھال چوڭ تىپلىق سودا ئاپتوموبىلى. ھازىر دۆلىتىمىزدىكى BBA ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە، بېنىز E دەرىجە ئەڭ داڭلىق.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك