• بەدەندە راك پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-12-27 05:32
  • بەدەندە راك پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    راك كېسىلى يېتىپ كەلگەندە، بەدىنىمىزدە زادى قانداق ئالاھىدە بەلگىلەر بولىدۇ؟ جۇجوۋ شەھىرى خېتاڭ رايونىدىكى سۇڭ خانىم يېقىنقى بىر ئايدا بىراقلا يەتتە-سەككىز كىلو ئورۇقلاپ كەتكەن، ھەم ئورۇقلاشتىن باشقا بىئاراملىق ھېس قىلمىغان، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن، جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، ئۇ دوختۇردىن: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى راك كېسىلى قاتتىق ئاغرىيدۇ دەۋاتمامتى؟ نېمىشقا مەندە ئازراقمۇ ئاغرىق سېزىمى يوق؟» دەپ سورىغان.

    دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ئالامەتلىرى خىلمۇخىل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بەزى ئالامەتلەرنىڭ خاسلىقى يوق ئىكەن، لېكىن سەل قارىسىلا، راك كېسىلىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىدىكەن.

    بىرىنچى، ئورۇقلاپ كېتىش. نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئورۇقلىشى بەلكىم راك كېسىلىنىڭ بىردىنبىر ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىئابېت كېسەللىكى ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم راك كېسىلىگە يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇش كېرەك.

    ئىككىنچى، راك ئاغرىقى.
    راك كېسەللىكى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى قانچە كېيىن بولسا، ئاغرىش شۇنچە روشەن بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئۆپكە راكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كۆكرەك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئاشقازان راكى ئاغرىمايدۇ، لېكىن تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا ئاغرىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ راك ئۆسمىسى نېرۋىغا تاجاۋۇز قىلىپ، قىسمەن ئورۇنغا ھەتتا پۈتۈن بەدەنگە يۆتكىلىپ كېتىدۇ.

    ئۈچىنچى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش.
    بۇ خىل ئالامەتلەر ئەمەلىيەتتە تىپىك بولمايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش كۆرۈلگەندە، سىز ئاۋۋال ئاشقازاننى ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما راك كېسەللىكىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

    تۆتىنچى، چوڭ تەرەت بىنورمال بولىدۇ.
    نۇرغۇن راك كېسىلى بىمارلىرىدا، ئاشقازان راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ تەرەت بىنورمال بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بىر قىسىم بالىياتقۇ بوينى راكى بىمارلىرىدىمۇ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئۈچەي يولىغا كۆچۈش يۈز بېرىپ، چوڭ تەرەتنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بەشىنچى، كاناي غىدىقلىنىپ قۇرۇق يۆتىلىش، بەلغەمنى قان ئارىلاش تۈكۈرۈش.
    دۆلىتىمىزدە ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۆپكە راكى بىمارلىرىدا كاناي غىدىقلىنىپ قۇرۇق يۆتىلىش، بەلغەمدە قان بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككۈچىلەر بۇنىڭدىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇشى كېرەك.

    50 ياشتىن كېيىن، راك كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، 50 ياشتىن باشلاپ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تۆت ئورۇننى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئۇلار ئۆپكە، ئاشقازان، چوڭ ئۈچەي، جىگەر بولۇپ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تۆت ئورۇندا راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن زۆرۈر.

    مەنبەسى :سىنا تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك