• ياش يىگىت شىياۋجىياڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-10 11:36
  • ياش يىگىت شىياۋجىياڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    65302136 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسى ئاتۇش شەھەرلىك ئەرجىيەن ئىگېىز بېنانىڭ ئاستىغا جايلاشقان ، ئىشىكتىكى قىزىل خەتلەر ، دۇكان ئىچىدىكى رەتلىك ھەم پاكىزە مۇھىت ، 65302136 سېتىش نۇقتىسىدىكى لاتارىيەچىلەرنى قايىل قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ ، ئەمما لىكىن لاتارىيەچىلەرنى ئېلىپ قالالايدىغىنى يەنىلا سېتىش خادىمىنىڭ قىزغىنلىقى ،يەنى ئەزەلدىن خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش يىگت - شىياۋ جىياڭ . شىياۋ جىياڭ مۇنداق دەيدۇ ، پاراۋانلىق لاتارىيە مىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇھەببىتىم ۋە ئۈمۈرلۈك كەسپىم .
       65302136 سېتىش نۇقتىسى شىياۋجىياڭنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىشى ئاستىدا رەسمىي ئېچىلدى ، شىياۋجىياڭ ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە ئارزۇسىنى باشلىۋەتتى . دەسلەپتە ، شىياۋجىياڭ كۆنەلمىدى ، ئۇنى بىئارام قىلغىنى دو تىكىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلاتى ئەمەس بەلكى تىل مەسىلىسى ئىدى ، شىياۋجىياڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيتتى ، لىكىن ئەتراپتىكى نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر ئۇيغۇر ئىدى ، چاتاق يېرى ، ئۇ لاتارىيەچىلەرمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيتتى , بۇ ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، بەزىدە قول ئشارىتى بىلەنمۇ قارشى تەرەپنىڭ نېمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى ، بۇنى قانداق قىلىش كىرەك ؟  شىياۋجىياڭ ئۆزىگە بىر نىشان تىكلىدى يەنى - ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش .  شۇنداق قىلىپ شىياۋجياڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندى . 

    شىياۋجىياڭ مۇنداق دېدى :«بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى پاراۋانلىق لاتارىيە ئۆتىمىشى ، مىنى پاراۋانلىق لاتارىيەگە بولغان تۇنۇشىمنى تېخىمۇ چوڭقۇر قىلدى ، پارۋانلىق لاتاريىەنىڭ ساخاۋەتچىلىكىنى تېخمىۇ چۈشەندىم . مەن دائېىم لاتارىيەچىلەرگە پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ خەيرى - ساخاۋەت ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىمەن ، پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ شۇ ئاجىز كىشلەرگە يادەم بەرگىنىنى ئولىسام قىلغانلىرىمنىڭ ئەرزىيدۇ دەپ قارايمان . لاتارىيەچىلەرمۇ ناھايىتى ئۇماق ، ئۇلار : شىياۋجىياڭ سىز بۇنداق دېگەن يەردە ،بىز لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالساق ساخاۋەتچىلىك قىلغان بىلەن ئوخشاش دېگەن گەپ ، دەيدۇ . مۇكاپات چىقمىسىمۇ ياخشى ئىش قىلدۇق ئەمەسمۇ ، ئەرزىيدۇ ! ھا ھا ھا .... ، بىر توپ شۇنداق ئوماق كىشلەر ھە !  دەل مۇشۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرى ،مۇشۇنداق ئوماق كىشلەر ، ماڭا پاراۋانلىق لاتارىيەنى بىر ئۆمۈرلۈك مۇھەببەتتەك ھىس قىلدۇرىدۇ . 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك