• لى ئەپەندىمگە كاتتا مۇكاپات چىقىپ ئۆيىگە قايتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-10 11:31
  • لى ئەپەندىمگە كاتتا مۇكاپات چىقىپ ئۆيىگە قايتتى

    كچىىك لاتارىيە بېلىتى چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلدى لى ئەپەندى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزدى . 

    لى ئەپەندىم جىياڭسۇلۇق ، شاۋەن ناھىيەسىدە ئىشلەيدۇ ، يىللاردىن بۇيان لى ئەپەندىم ئۆيىگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى ، لىكىن بۇ يىل ئۇنداق قىلالمىغۇدەك ، چۈنكى ئۇ پويىز بېلىتى ئالالمىغان ئېدى ، ئايروپىلان بېلتى قىممەت ، بۇ ئىش ئۇنى قىينايتى . 
       لى ئەپەندىم شاۋەندىكى ئۆيىدە خوتۇنى بىلەن ئاددىيلا بايرام ئۆتكۈزدى ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىغا تېلفۇن بېرىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى ، لىكىن تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام بولدى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ كىلىشىنى كۆتۈپ تۇرىدۇ لىكىن ئۇ قايتالمايدۇ ، ئۇ تاماكا چېكىپ ئۆزىنى تەڭشىۋالماقچى بۇلۇپ سىرتقا چىقتى ، ۋە ئايلىنىپ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالدى ، ۋە ئىچىگە كېرىپ كەلدى (65420147سېتىش نۇقتىسى)، لاتارىيەچىلەر بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ ياخشى بۇلۇپ قالدى ، بىلىپ بىلمەي سائەت 12 بوپتۇ ، ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ ئۇنى تىزدىن قايىتىپ كىلىشكە بۇيرىدى ، مېڭىشتىن بۇرۇن  ئۇ تۇيۇقسىز لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئويلىدى ، ناۋادا راستلا چوڭ مۇكاپات چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ئۇ كۆڭلىدە شۇلارنى دېدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇ تېلفۇن نۇمۇرنىڭ ئاخىرى بولغان «9505»نى ئىشلىتىپ دو تىكتى  ۋە لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى . 
    ئىككىنچى كۈنى ، لى ئەپەندىم مۇكاپات چىققان نۇمۇرنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىگە مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلدى ، مۇكاپات سوممسى 10مىڭ 149يۈۋەن . 
    «مانا ھازىر ياخشى بولدى ، مىنىڭ چوڭ مەسىلەمنى ھەل قىلدى ، ئۆيگە قايتىپ بايرام ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم ، ئەتىلا بېرىپ ئۆيگە قايتىدىغان بېلەتنى ئالېمەن!»


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك