• win7 سىستېما يېڭىلاشنى تاقايدۇ، win11 ئېلان قىلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • win7 سىستېما يېڭىلاشنى تاقايدۇ، win11 ئېلان قىلىنىدۇ

    win7 سىستېما يېڭىلاشنى تاقايدۇ

    Windows7 سىستېمىسىمۇ پېنسىيەگە چىقىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئەمەلىيەتتە مىكروسوفتنىڭ دەسلەپكى پىلانى بويىچە، نۆۋەتتە Windows7 سىستېمىسى مۇلازىمەتنى ئاللىبۇرۇن توختىتىپ بۇلاتتى. 2009-يىلى Windows7 رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر 10 يىل ۋاقىت ئۆتتى، 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ مىكروسوفت بۇ سىستېمىغا بولغان تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى توختىتىدۇ، Win7 ئىشلەتكۈچىلىرى ئەمدى يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش، بىخەتەر يېڭىلاش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ كۆپ قىسىم ئابۇنتلار يەنىلا win7نى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرىدۇ! مىكروسوفت پەقەت Windows10 سىستېما بازىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، Windows7 ئابۇنتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ سىستېما يېڭىلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا Windows7 سىستېمىسىنىڭ پېنسىيەگە چىقىش ۋاقتىنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىگە سۈرگەن.

    2015-يىلىلا، Windows10 سىستېمىسى يېڭىلانغاندىن كېيىن، مىكروسوفت Windows7 سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىم مۇلازىمىتىنى قوللاشنى توختىتىپ، ئابۇنتلارنى Windows10نى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى. لېكىن Windows10 سىستېمىسىغا قارىتا، ئەينى ۋاقىتتا bug سانى بىر قەدەر كۆپ ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللاردا بۇ سىستېمىغا قارىتا ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىغان، ئىستېمالچىلار گەرچە يېڭىلاشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا Windows7 سىستېمىسىغا قايتىپ كەلگەن.

    گەرچە Windows7 سىستېمىسىنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كېيىن يەنىلا داۋاملىق ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، لېكىن مۇداپىئە تېمى ۋە يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاش كاپالىتىنى يوقىتىپ، ئىشلەتكۈچىلەر تورىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇملىنىش خەۋپىمۇ بارغانسېرى زورىيىدۇ. نۆۋەتتە مىكروسوفت پۈتۈنلەي يېڭى ياماقلارنى يېڭىلاپ، تېخى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمىگەن يېڭى سىستېما ئابۇنتلىرىغا قارىتا، پۈتۈنلەي دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئىشىنىمىزكى پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈز مىليون ئابۇنت Windows7 سىستېمىسى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، Windows10 سىستېمىسىغا يېڭىلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

    Win11 پات ئارىدا يېتىپ كېلىدۇ!

    يېڭى Windows11 ئەمەلىيەتتە macOS بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئوخشاش شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، «Windows10»نى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، بەزى قوللىنىشچان پىروگراممىلار بىلەن قارىماققا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، مىكروسوفت ئاساسەن بۇنداق دەپ قارىمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Appleغا ئوخشاپ كېتىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ شىركەت ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ لايىھە لىنىيەسى FluentDesignنى تەتقىق قىلىپ ئاچماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ سىناق نۇسخىسى 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، يەنى بۇ ۋاقىتقىمۇ ئاز قالدى.

    ئەسلى تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك، بىر پارچە خەۋەر ماقالىسىدىن باشقا، مىكروسوفتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە Synaptics تىلغا ئالغان «كېيىنكى ئەۋلاد» مەشغۇلات سىستېمىسى، بەلكىم پەقەت Windows10نىڭ بىر يېڭى ئەندىزىسى بولۇشى مۇمكىن. Windows7 مەشغۇلات سىستېمىسى ھازىرمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان بولغاچقا، ھازىرغىچە Windows10غا يېڭىلمىغان مەندەكلەرگە نىسبەتەن، يېڭىلانسىمۇ، ھەتتا دەۋر ئالماشسىمۇ، Win10 بىلەن نەچچە يىل جەڭ قىلىمىز، ماڭا يېڭىلاش خوش ياقمايدۇ. Win10 بەلكىم Win7گە ئوخشاش كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ئۇنداق بەك ياقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن پەن-تېخنىكا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان دەۋردە، Win10نىڭ تېخنىكىسى يەنىلا Win7دىن ئېشىپ كېتىدۇ، Win11 بولسا چوقۇم تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولىدۇ، تەقەززا بولامسىز؟

    Windows باشتىن ئاخىرى چەتئەل سىستېمىسى بولۇپ، ھېچقايسىمىز ئۇنىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ يوقلۇقىغا، بىزنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىمىزنى توپلىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايمىز. بىزمۇ باشقىلارنىڭ بىزگە ئىزچىل ئىشلىتىشكە بېرىدىغان بەرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇڭا، يەنىلا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشلىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە خېلى ئۇزۇن يول بار، ئەمما ئىشلەتكىلى بولىدىغان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسى بار بولۇش، بۇ «ئۆيىدە ئاشلىق بار» ھېسابلىنىدۇ، ھېچ بولمىسا ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قالسا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالمايمىز. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنى بالدۇرراق ئىشلىتەلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    مەنبەسى :nur.cn





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00