• بېلىتى ئىناۋەتسىز قىلىنغان كانادالىق ئەر ئايروپىلانغا چىقالماي ھادىسىدىن ئامان قالدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • بېلىتى ئىناۋەتسىز قىلىنغان كانادالىق ئەر ئايروپىلانغا چىقالماي ھادىسىدىن ئامان قالدى

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغان كۈنى، كانادالىق بىر ئەر ئايروپىلان بېلىتى كۈچتىن قالغانلىق سەۋەبىدىن ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلانغا چىقالماي، تەلىيى كېلىپ ئامان قالغان. ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋاقتىدا ئايروپىلانغا چىققاچقا، ئۇنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلغان.

    مۇھسېن ۋە ئۇنىڭ ئايالى رويا

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران ۋاقتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، كانادالىق ئەر مۇھسېن ئەھمەدىپۇر 43 ياشلىق ئايالى رويا بىلەن ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ھۈمەينى خەلقئارا ئايرودرومىدا خوشلاشقان، ئەمما ئۇلار بۇ قېتىمقى خوشلىشىشنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خوشلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە، ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ ئۈچ مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، 2400 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكى 176 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

    مۇھسېن ۋە ئۇنىڭ ئايالى رويا

    مۇھسېن ۋە ئۇنىڭ ئايالى تۇغقان يوقلىغىلى ئىرانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ بۇ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ كانادادىكى ئوتتاۋاغا قايتماقچى بولغانىدى. «ئوتتاۋا پۇقرا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر-ئايال تېھراندىكى ئايرودرومغا كەلگەندە، مۇھسېنغا ئايروپىلان بېلىتىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىشنى پىلانلىغان بۇ ئەر-ئايال ۋاقتىنچە ئايرىلغان، مۇھسېن ئايالىغا يەنە بىر قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كانادادا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندىكى جەسەت خالتىلىرى

    ئايالى ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، مۇھسېن ئايرودرومدا قالغان. ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاسماندا غايىب بولغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، مۇھسېن ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق شۇم خەۋىرىنى ئاڭلىغان.

    ھادىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى

    بۇ قېتىمقى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە 63 نەپەر كانادالىق قازا قىلدى، رويا شۇلارنىڭ بىرسى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 26 ياشلىق ئاراش پورزارابى ۋە 25 ياشلىق پونېخ گورجىمۇ بار، ئۇلار يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، ئىرانغا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگىلى بارغانىكەن. ھەر ئىككىسى كانادا ئالبېرتا داشۆسىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەن، ئايروپىلاندا يەنە ئۇلارنىڭ تويىغا قاتناشقان تۆت كىشىمۇ بەختكە قارشى قازا قىلدى. مونترېئالدىن كەلگەن سىئاۋاش چافورى ئازار ۋە سارا مامانى ئەر-ئايالمۇ يېقىندا توي قىلغانىدى.

    يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايال

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان 176 كىشى ئىچىدە 82 نەپەر ئىرانلىق، 63 نەپەر كانادالىق، 11 نەپەر ئۇكرائىنالىق، 10 نەپەر شۋېتسىيەلىك، تۆت نەپەر ئافغانىستانلىق، ئۈچ نەپەر گېرمانىيەلىك ۋە ئۈچ نەپەر ئەنگلىيەلىك بار ئىكەن. قازا قىلغانلار ئىچىدە كانادا تەۋەلىكىدىكى ئىرانلىقلار كۆپرەك بولۇپ، ئۇلار قىشلىق تەتىلدىن كېيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتماقچى بولغانىدى. كانادادىكى بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئايروپىلاندا ئىدى. كانادا غەربىي قىسم داشۆسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان؛ كانادا گوئېلف داشۆسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى نەپەر دوكتۇر ئاسپرانت ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ ھەمراھى ھادىسىدە قازا قىلغان. ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلار ئىچىدە يەنە بىر بوۋاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 نەپەر بالىمۇ بار ئىكەن.

    ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئانا ۋە ئۇنىڭ قىزى

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00