• ئائىلە مېھىرلىك، ۋەتەن بىباھا

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-16 06:12
  • ئائىلە مېھىرلىك، ۋەتەن بىباھا




    ئائىلە مېھىرلىك، ۋەتەن بىباھا


    ئاپتورى : شاھىمەردان مەمەتئېلى  ، تەھرىرلىگۈچى : باھارگۈل بەكرى   مىكرافون ئالدىدا : مەۋلۇت ئىبراھىم ،  ئاۋاز تەھرىرى : مەمەتجان مەمەتتۇرسۇن  دۆڭكۈۋرۈك خاتىرلىرى سالونى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىدى.


     


    8-فېۋرال مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. تەبىئىيكى، بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن تىلەكلىرىم بولسا، يىراق يەردە سالامەت بولۇش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋىرۇس ئاپىتىدىن ھەممەيلەن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ۋە ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئورۇنداش ھەققىدىكى مۇھەببەتلىك سۆزلەر بولدى. چەكسىز خۇرسەن بولغانىدىم، چۈنكى ۋەھىمىلىك كېسەل ۋەتەن تۇپرىقىنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، قېرىنداش، ساۋاقداش، دوست، خىزمەتداش ۋە مەن «ئۈچ ئەل خىزمىتى گۇرۇپپىسى»نىڭ ئەزاسى بولۇپ چۈشكەن مۇشۇ كەنتىمدىكى سۆيۈملۈك دېھقانلار قوشۇلۇپ بارچەيلەن قىزىل گۈلدەك قەلبىنىڭ خۇشپۇرىقىنى ماڭا سېخىيلىق بىلەن چاچقانىدى.

    قىسقىغىنا نەچچە ئون كۈندە ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق، يۇقۇملانغۇچىلارغا ھېسداشلىق، قازا قىلغانلارغا تەزىيەرىمىزنى بىلدۈردۇق. ئېغىر كۈنلەردە، پارتىيەنىڭ توغرا يېتەكچىلىكى، مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت خەلق بىلەن بىللە بولۇشى بىزلەرگە مەدەت، غەيرەت ئاتا قىلىپلا قالماي، بارچە مۈشكۈلاتلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ھەركۈنى سەھەر ئويغىنىپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىمىز كېسەللىك ئۇچۇرىنى يانفونىمىزدىن تەپسىلىي كۆرۈشكە ئايلىنىپ قالدى. تېلېۋىزىيە-رادىيو خەۋەرلىرى، ئۈندىدار سۇپىلىرى ۋە ھەرخىل مېدىيا ۋاسىتىلىرىدىن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشلارنى ئىجتىھات بىلەن ئاڭلىدۇق، ئۆگەندۇق. كۈرەش سېپىنىڭ ئالدىنقى رېتىدە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جان كۆيدۈرۈۋاتقان دوختۇر-سېسترالار، ساقچى خادىملار، ئامانلىق قوغدىغۇچىلار، ئاھالە كومىتېتى خىزمەتچىلىرىنىڭ مىننەتسىز ئەجىرىنى، ئاممىۋىي قاتناش شوپۇرلىرىدىن تارتىپ تازىلىق ئىشچىلىرىغىچە بولغان كەڭ خىزمەتچىلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى كۆرۈپ، بىزنىڭ ئەمىنلىكىمىز، بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ھاياتى بىلەن ھېسابلاشمىغان ھەقىقىي پەرىشتىلەرگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.

    دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى شۈبھىسىزكى مۇھەببەت ئارقىلىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ۋەھىمىگە تولغان يۇقۇملۇق كېسىلى بىزنى چۆچۈتتى، بىراق ئەنسىزلىكنىڭ ئارقىسىدا قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان مېھىر ئوتىنى بەلكىم سىزمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. سىرتقا چىقماسلىق تەشۋىقاتى بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇشقا باشلىغان كۈنلەر قارىماققا ئىنتايىن زېرىكىشلىكتەك بىلىنەتتى، دەسلىپىدە راستتىنلا ئۇھسىنىشلار بولۇندى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، دوۋيىن ئەپ دېتالىدىكى ۋايسىغان مەزمۇنلار، ئۇخلاش-ئارام ئېلىش بىرىككەن كۈندىلىك ئىشلار، دېرىزە تۈۋىدە يىراقلارغا تەلپۈنۈپ بۇرۇنقى ئەركىن چاغلىرىنى ئەسلەشلەر راسا ئەۋجىگە چىقتى، بەزى ئائىلىلەردىكى تۈرلۈك تۈمەن خىل قىزىقارلىق قىلىقلاردىن كۈلۈشۈپ كېتىشتۇق-يۇ، بىرەركىمنىڭ سىرتقا چىقماسلىق تەشۋىقاتىغا بويۇنتاۋلىق قىلغىنىنى ئەمەس، ئەكسىچە تولىمۇ ئىتائەتچانلىق بىلەن ماسلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. ئەلۋەتتە، بىز توردا كۆرگەن ھەر بىر كۈلكىلىك مەزمۇنلار پىسخىكىمىزنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، كەيپىياتىمىزنىڭ نورمال تۇرۇشى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر بېرىش رولىنى ئويناپمۇ قالغانىدى. ئۆيدىن چىقالماي تۇرغان نەچچە كۈن ئىچىدىلا «مۇھەببەت» ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى-دە، تولىمۇ شېرىن ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر ھاياتلىق دەپتىرىمىزگە خاتىرىلەندى.

    ئائىلە-مېھىر بۇلىقى. ئائىلە-ئۇ، ئىشىڭىز قالمىغان چاغدا بارىدىغان جاي ئەمەس. ئۇ، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ ئەڭ كاتتا سورۇنى. مېنىڭ تېخى ئىككى ياشقا تولمىغان جىيەن قىزىم قاق سەھەردىلا دادامنىڭ تېلېفونى ئارقىلىق خام يەۋالغۇدەك چۈچۈك تىلىدا ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتتى:

    - ماشكا... ماشكا تاقىۋاي ھە!

    جىيەنىم كېسەللىك ۋەزىيىتى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدۇ، بۇ گەپلەرنى دادام-ئاپامنىڭ ئۆگىتىشى بىلەن قىلغىنى ئېنىق، ئەمما ئىچىم ئىسسىققىنا بولغانىدى، چۈنكى مەن ئائىلىدىن كەلگەن مۇھەببەتنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.

    ... ئادۋوكات بىر قىزغا سەھەر سائەت 9 دىن كېيىنكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى كۆرۈپ باقمىغىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولغانىدى. بۇ قېتىم چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ ۋاقتى كەينى-كەينىدىن ئۇزىراپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشقا يەتكۈدەك ۋاقىت ئاجرىتالىدى. ئەسلىدە پېنسىيەگە چىققان دادىسى بالكوندىكى گۈللىرىگە ھەۋەسلىنىپ قارايدىكەن، سۇغىرىدىكەن. ئارقىدىن رىتىمى ئوبدانلا تېز بولغان مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەيدىكەن، بىرەر تال تاماكىمۇ چېكىپ قويىدىكەن تېخى. ئاپىسى بولسا، چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يولدىشىنىڭ كەينىدىن غودۇڭشىغىنىچە تازىلىق قىلىشنى باشلايدىكەن:

    - قاراڭ غازاڭلىرىڭىزنى گىلەمگە چۈشۈرۈپسىز! ... چېكىڭە تاماكىنى، سىزگە بەك پايدا قىلىدۇ! ... مۇشۇ ئادەم ماڭغان يەردىن ئەخلەت تۆكىلەمدىكىن دەيمەن! ... دەڭە چۈشتە نېمە تاماق يەرسىز؟

    دادىسىنىڭ تېرىكىشلىرى تېخىمۇ سۆيۈملۈككەن:

    - قىزىم كۆردۈڭمۇ، بۇ ئاپاڭ قېرىغانسېرى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى! كېسەل تارقالغاندىن كېيىن ھەر كۈنى ئۈستى بېشىمغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئالا قويماي چېچىپ ھارمايدۇ. مېنى ئەخلەت قاتارىدا كۆرەمدىكىن تاڭ، سۈپۈرۈپ ئەچىقىۋەتكۈسى كېلىدۇ تالاغا! چۈشتە گۆشنان يەپ باقىلىمۇ ھە قىزىم! 

    ئۇلار زادى ئۇرۇشۇۋاتامدۇ ياكى ئۆزگىچە شەكىلدە ئامراقلىق قىلىشىۋاتامدۇ؟ لېكىن بىر نەرسە ئايدىڭكى، يۇقۇم مەزگىلىدە بۇ ئىككى پېشقەدەمنىڭ ھوشيارلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەنىدى. خىزمەت بىلەن ئالدىراشلا يۈرىدىغان قىز ئائىلىسىدىكى كۆرۈنۈشلەردىن سۆيۈنۈپ كەتتى، چۈنكى بۇ خىل سەمىمىي مەنزىرىلەرنى سىرتتىكى ھەشەم سورۇنلىرىدا كۆرۈش بەكمۇ مۈشكۈل ئىدى.

    ... تېخى بايىلا تېلېۋىزوردىن يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، خەلقنىڭ ئامانلىقى ھەققىدە ئويلارغا چۆككەن بىر كۆيۈمچان ئايال ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ پولۇغا تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. سىرتقا چىقماسلىق تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيدىن خۇشاللىق ئىزدەۋاتاتتى، بالىلار ئۆز ھۇجرىلىدا، يولدىشى ساپادا. ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە سەۋزىلەرنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، گۆش-پىيازلارنى قورۇدى. بىر تەرەپتىن سوغۇق سەيگە كېتىدىغان ماتېرىياللارنى راسلاپ، قۇرۇتقان لازىنى چاناپ پۈتتۈرۈپلا ئېسىدە يوق قازانغا سېلىۋېتىپ قالدى، ھەتتا خېلىغىچە تۇيماي ئارىلاشتۇرۇپ قورۇۋەتتى.

    - ۋاي ئانامەي، ئۆيدىن چىقماڭلار دېگەنگە كاللىدىن كەتمىگەندىمەن ھە؟ سوغۇق سەيگە توغرىغان لازىنى قورۇۋەتكىنىمنى قارىمامدىغان،  ئەمدى ئاچچىق پولۇنى قانداق يېگۈلۈك؟ ئەر كىشىگە ھەممە ئىشنى دەۋەرگىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ قازان بېشىدىكى خاتالىقلارنى! ئاش-تاماقتىن بىرەر مەسىلە چىقىپ قالمىسۇن، چىقىپلا قالدى تۈگەشتىڭىز دېگەن گەپ، خۇددى بىز ئاياللار قازان بېشىدا تۇغۇلغاندەك ھەممە ئىشلارنى نۇقسانسىز قىلىشىمىز زۆرۈر ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە. مانا تامىقىم ئوخشىمىدى-يۇ، ئىشىم ئوخشىدى، يولدىشىمنىڭ ئالدىدا نەچچە يىل تەگىگۈدەك گەپكە قالىدىغان بولدۇم،- ئايال شۇنداق دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا ئىشىك چېكىلدى. ئېچىۋىدى، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئىككى ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ كىچىككىنە خاپىلىقىغا ئارىلىشىپ جېدەللىشىپ قالغانچە سالاملىشىپ باقمىغان ئۇدۇل قوشنىسى ماسكىنى چىڭڭىدە تاقاپ، قولىغا سولياۋ پەلەينى كىيىپ، پۇرىقىدىن نەقەدەر ئوخشىغانلىقى مەلۇم بولۇپ تۇرىدىغان بىر تاۋاق پولۇنى تۇتۇپ تۇراتتى.

    - جېنىم قوشنام قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز، ئۆي ئىچى، بالىلار ھەممىڭلار تىنچلىقمۇ؟ ساقسىز بولۇپ قالغان ئىشلار يوقتۇ؟

    قوشنىسىنى كۆرۈپ ئايال بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتى،  شۇتاپتا بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەخمەقلەرچە چۈشكەن گۇناھىغا مىڭلارچە پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. بالىلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ساپلىقىدا شۇ كۈنىدىكى ئۇرۇشۇپ قالغىنىنى نېكەم ئۇنتۇپ، بىللە مەكتەپكە بېرىپ، بىللە پۇتبول ئويناپ يۈرگىلى نەۋاق، بىراق بۇ ئىككى ئايال سىڭاريان قاراشنى بۈگۈنگە قەدەر سۆرەپ يۈرگەنىدى. قوشنىسى يىغلاپ كەتتى:

    - يۇقۇم ئەھۋالى ھەممەيلەننى قورقۇتۇۋەتتى، قىممەتلىك ھاياتىمىزدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن گەپ قىلىشماي يۈرۈپتۇق، خاپا بولماڭ قوشنام. سالامەتلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھەممەيلەن بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتەيلى، قېنى مەن مېھىر بىلەن ئەتكەن پولۇغا ئېغىز تېگىپ باقارسىلەر...

    ئايالنىڭ كۆزىدىن ياشلار مارجاندەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى، قۇچاقلىغۇسى، قوشنىسىغا ئېسىلىپ يىغلىۋالغۇسى كەلدى، خىجالەتتىن يۈزلىرى ئوت بولۇپ ياندى. يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئىللىقلىقتىن، ئۇدۇل قوشنىسىدىكى پەزىلەتتىن بېشى كۆككە يەتتى. بېسىلغان گۈلە-قاق، چېچىلغان ئانار دانىچىلىرىدىن پەردازلىنىپ، يوغان-يوغان بېسىلغان قوي گۆشلىرىدىن مەغرۇرلىنىپ تۇرغان بۇ بىر تاۋاق پولۇ «ئۆيدىكى ئاچچىق پولۇنى مەن ئارقىلىق چاندۇرماڭ» دېگەن قىياپەتتە بولسا، مېھرىبان قوشنىسى «تەس كۈنلەردە مەن قېشىڭىزدا بار» دېگەننى بىلدۈرۈپ قەلبتىن قەلبكە سۆيۈش ئاتا قىلغانىدى.

    ... ئۆي-ئۆيلەردە ئېتىلىۋاتقان مەزەلەر، دۇخوپكىدا پىشۇرۇلغان تورت-باقالىلار، ئادەتتە شىرە يۈزىدە كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى تائاملار ئائىلىگە باغلىنىپ قالغان كۈنلەردە بىزگە ھەمراھ بولدى. ئۆپكە-ھېسىپ، قۇمۇل ياپمىسى، قازان كاۋاپ، پىسا، راڭپىزا-لەڭپۇڭ، پىلتا قۇيماق، ھەتتا ماروژنىدىن تارتىپ سىناپ بېقىلدى. تاماق ئېتىش پەقەت يېيىش ئۈچۈنلا ئەمەس، قولمۇ-قول ھەمكارلىشىپ زوقلانغان چاغدىكى خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۈچۈن ئىدى. يۇقۇمنىڭ ۋەھىمىسى مانا شۇ مۇھەببەتلەر تۈپەيلى قورقۇنچ پەيدا قىلالمىدى، زېرىكىشكە باھانىمۇ قالمىغانىدى. چۈنكى بىز ھەر بىر ۋاق ئوخشىغان تائاملارنى يەپ ئائىلە جەمگاھىدا ئولتۇرغىنىمىزدا، مىننەتسىز مۇھەببىتىنى خەلققە بېغىشلىغان بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنى ياد ئەتمەي قالمايتتۇق.

    بىرىنچى سەپتىكى قانچىلىغان خىزمەتچىلەر ئائىلىگە تەشنا بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنىسى پەقەت ئۆزلىرىگىلا ئايان. بىراق ئۇلار ۋايساشلاردىن يىراق تۇرغان ھالدا بارلىقىنى خەلققە بېغىشلىدى، كۈننى تۈنگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ئالدىغا كەلگەن تاماقنى ھاپىلا-شاپىلا يەپ، قاتتىق چارچاپ كەتكىنىدە ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ياكى ئورۇندۇقتا پۈكلىنىپ بىرەر سائەت ئۇخلاپلا ئويغىنىپ خەلق بىلەن بىللە ئىدى. ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر ھەر ۋاقىت بىزنى ئۆيدىن چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، لازىملىق نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بەرسەكلا ناننىڭ سىڭىپ پىشقىنىنى، شوخلا-پەمىدۇرنىڭ قىپقىزىلىنى، ئۇن-ياغ-گۈرۈچ، ھەتتا چېكىدىغان تاماكىغىچە ئىشىك ئالدىمىزغا ئەكېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار كەنتتىكى دېھقانلارغا قولنى كۈندە نەچچە رەت يۇيۇش، ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ ھاۋالاندۇرۇش، قىزىتمىسىنى ئۆلچەش، كىچىك بالىلارنى پاكىزە بېقىش ھەققىدىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنداپ، ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەر كۈنلۈك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ، ئىقتىسادىي ياردەمنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويمىدى.

    پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا «جۇڭگو غەيرەت قىل، ۋۇخەن غەيرەت قىل!» تېمىسىدىكى روھىي قۇۋۋەتلەش، ماددىي ياردەم، مۇتەخەسسىس ئۆمىكى ئارقا-ئارقىدىن دۆلىتىمىزگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىناۋىتى ۋە دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. رايونىمىز شىنجاڭدا ھەر قايسى مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان دوختۇر-سېستىرالارمۇ سەپتىن قالماي ۋۇخەنگە ئاتلاندى. ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كوللېكتىپ ۋە شەخسىي ئىئانىلىرى مۇناسىۋەتلىك قىزىل كىرېست جەمئىيەتلىرىگە تاپشۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، نان-توقاچلار ئەڭ موھتاج جايلارغا ئەۋەتىلدى. كېسەللىك رەھىمسىز بولسىمۇ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بېغىشلىغان مۇھەببىتى، خەۋپ-خەتەر ئالدىدىكى تىز پۈكمەس روھى، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىشى تالايلىغان قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.

    ۋەتەن-بىر چوڭ ئائىلە، ئۇ بىزگە باياشات تۇرمۇشنى، ئەمىنلىكنى ھېس قىلدۇرىدىغان بەخت ماكانى. بىز ئائىلىدىن زېرىكمەيمىز، ئۇنى باغرىمىزغا تېڭىپ قەدىرلەيمىز. ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنى بولسا كۆز قارىچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز. يۇقۇم خەۋپى سۈرلۈك بولسىمۇ، مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى ئالدىدا يەنىلا ئاجىزدۇر. بىز بۇ قىيىنچىلىقلارنى چوقۇم يېڭىپ كېتەلەيمىز، چۈنكى بىز قۇدرەتلىك پارتىيەنىڭ، خەلقچىل ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسىدە! شۇنىسى بىزگە ئېنىقكى، ۋەتەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەر بىر كۈنىمىزنى تەشۋىقات، ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا بوي سۇنۇپ ئۆتكۈزۈش باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. قېنى سىز ھەم مەن مېھىرلىك ئائىلىمىزنى ئاپەتتىن ساقلاش ئۈچۈن، بىباھا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!


                2020- يىل 2- ئاينىڭ 20- كۈنى  يېڭىشەھەر


    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىن يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئاچال كەنتىگە چۈشكەن «خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزاسى




    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • يۇقۇمدىن كىيىن، باھاردا مەن ئۈرۈمچىدە سىزنى ساقلايمەن

    1970-01-01 08:00

  • ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00