• ئۈندىدار سالونى يازمىلارنى ھەقلىق ئوقۇش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-17 03:03
  • ئۈندىدار سالونى يازمىلارنى ھەقلىق ئوقۇش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ

    تېڭشۈن ئۈندىدار ئەترىتى يېقىندا نۆۋەتتە ئۈندىدار سالونلارنى ھەقلىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈلرەڭ سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن سالونچىلار سالونىدا يازمىلارنى ھەقلىق ئوقۇش ئىقتىدارىنى ئاچسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاچقاندىن كېيىن سالونچىلار ئەسلى ئىجادىيەت يازمىلىرىنى قىسمەن ياكى تولۇق ھەقلىق قىلىپ تەڭشەلەيدۇ، ئابۇنتلار يازمىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇق مەزمۇنىنى ئوقۇيالايدۇ.

    ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىقتىدارنى ئېچىش ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي شەرتنى ھازىرلاش زۆرۈر ئىكەن: ① سالوننىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان بولۇش؛ ② يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى يوق بولۇش؛ ③ ئاز بولغاندىن ئۈچتىن ئارتۇق ئىجادىي يازما يوللىغان بولۇش؛ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سالونغا ھەق تۆلەش ئىقتىدارى ئاندرويىد ۋە iOS ئابۇنتلىرىنى قوللايدىكەن، iOS تېرمىنالىدا ئالمىنىڭ IAP ئارقىلىق ھەق تۆلەشكە، ئاندرويىدتا بولسا ئۈندىدار چىقىمدانى ئارقىلىق ھەق تۆلەشكە بولىدىكەن.

    بۇ ئىقتىدارنى ئاچقاندىن كېيىن يازما «ئادەتتىكى يازما» ۋە «ھەقلىق يازما» دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەقلىق يازما چوقۇم ئىجادىي يازما بولۇشى كېرەك. ھەقلىق يازمىدا ئابۇنتلار ھەق تۆلەشتىن بۇرۇن كىرىش سۆز ۋە ئاز بىر قىسمىنى ئوقۇيالايدۇ، سۆز قالدۇرالمايدۇ، پەقەت قالدۇرۇلغان سۆزنى كۆرەلەيدۇ. ھەق تۆلىگەندىن كېيىن تولۇق ئوقۇيالايدۇ ھەمدە سۆز قالدۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقلىق يازمىنى كۆچۈرۈپ يوللاشقا، مۇكاپاتلاش ئىقتىدارىنى ئېچىشقا، ئېلان قىستۇرۇشقا بولمايدۇ.

    ئۈندىدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياخشى مەزمۇن ئىجاد قىلغۇچىلار تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىكەن، ئۈندىدار سۇپىسى ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن ئىجادىيەتچىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدار تەمىنلەپ، ئەسەر ئىجاد قىلغۇچىلارغا ئەسىرىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.


    ئۇنىڭدىن باشقا ئۈندىدار ئەترىتى ھەقلىق ئىقتىدار ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى:

    1. قانداق مەزمۇنلارنى ھەقلىق قىلىپ تەڭشەشكە بولىدۇ؟

    قۇرۇلغىلى ئۈچ ئايدىن ئاشقان، يېقىنقى ئۈچ ئايدا ئېغىر دەرىجىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى بولمىغان، ئاز بولغاندا ئۈچ تال ئىجادىي يازما يوللىغان دىڭيۆخاۋ سالونلار ھەقلىق ئىقتىدارنى ئاچسا بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ئىقتىدر كۈلرەڭ سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن سالونلار سىناققا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئېچىلغاندىن كېيىن سالونچىلار ئىجادىي يازمىنىڭ قىسمەن ياكى تولۇق قىسمىنى ھەقلىق قىلسا بولىدۇ، ئابۇنتلار سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تولۇق مەزمۇنىنى كۆرەلەيدۇ.

    ئابۇنتلار سالوننىڭ ئوڭ ئۈستىدىكى «…»نى بېسىپ «مېنىڭ ھەقلىق مەزمۇنلىرىم»غا كىرىپ، ھەق تۆلىگەن سالونلار ۋە مۇناسىپ ھەقلىق مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ.


    2. ھەقلىق يازمىغا قانداق باھا بېكىتىلىدۇ؟

    نۆۋەتتە سالونچىلار 1~208 يۈەن ئارىسىدىكى 35 خىل باھا ئۆلچىمى بويىچە مۇۋاپىق باھانى تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ، ھازىرچە سالونچىلار ئۆزى خالىغان سوممىدا باھا بېكىتەلمەيدۇ.


    3. ھەقلىق ئوقۇش نىسبىتى قانداق تەڭشىلىدۇ؟

    سالونچىلار سالوننىڭ ئارقا بېتىنىڭ ئاستىدىكى «يازما تۈرى» دېگەن ئورۇندىن «ھەقلىق يازما» دېگەننى تاللاپ، تەڭشەك كۆرسەتمىسى بويىچە سىناپ ئوقۇشقا بولىدىغان قىسمىنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەپ، باھاسىنى بېكىتسە بولىدۇ.


    4. نۆۋەتتە قانداق سالونلار كۈلرەڭ سىناققا قاتنىشالايدۇ؟

    نۆۋەتتە ھەقلىق ئىقتىدار پەقەت شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن قىسمەن شەخسلەر دىڭيۆخاۋ سالونىدا كۈلرەڭ سىناق قىلىنماقتا، ئىلتىماس قىلىپ ئاچقىلى بولمايدۇ.


    6. كىرىمنىڭ ھەممىسى سالونچىغا بېرىلەمدۇ؟ ئۈندىدار سۇپىسى بىر قىسمىنى ئالامدۇ؟

    ئالما شىركىتىنىڭ «Apple Developer Program» بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۈندىدار ئالدى بىلەن ئالما شىركىتى بىلەن ھېسابات قىلىدۇ، قالغان قىسمىنى ئالمىغا ياردەملىشىپ ئالمىنىڭ ھېسابلاش دەۋرىيلىكى ئىچىدە سالونچىلارغا تەمىنلەپ بېرىدۇ.

    ئاندرويىد تېرمىنالىدا كىرگەن كىرىمنىڭ ھازىرچە تەننەرخى يوق. ھەر ئايدا سالونچىلارغا ھېسابات قىلىپ بېرىلىدۇ. كۈلرەڭ سىناق داۋامىدا ۋاقتىنچە پىرسەنت ئايرىپ تۇتۇپ قېلىنمايدۇ.


    7. ھەقلىق ئوقۇشقا بولىدىغان يازمىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولامدۇ؟

    سالونچىلار ھەقلىق يازمىنى ئۆزلىرى ئۆچۈرۈۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر يازما «ئۈندىدار سالونىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى»گە خىلاپ بولسا، سۇپا بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار جازالارنى بېرىدۇ.

    يازمىغا ھەق تۆلەش ئابۇنتنىڭ سالونغا ئىشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا سالونچىلارغا ھەقلىق يازمىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئابۇنتلارغا مەسئۇل بولۇش تەكلىپى بېرىمىز. ئەگەر سالونچىلار يازمىنى ئۆز مەيلىچە ئۆچۈرۈپ ئابۇنتلار پاش قىلسا ياكى دەۋالىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقسا، سۇپىمىز ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ جازا بېرىدۇ.


    9. تاراتقۇ ۋە ھۆكۈمەت، كارخانا نامىدىكى سالونلار بۇ ئىقتىدارنى ئاچالامدۇ؟

    ھازىرچە كۈلرەڭ سىناق مەزگىلىدە ئاچالمايدۇ.


    10. مەن سېتىۋالغان يازمىنى باشقىلارغا ئەۋەتىپ بېرەلەمدىم؟

    ھەقلىق يازمىنى ھەق تۆلىگەن ئابۇنتلا كۆرەلەيدۇ، باشقا ئابۇنتلار مەيلى قانداق ئۇسۇلدا يازمىغا ئېرىشسۇن ھەق تۆلىمىسە كۆرەلمەيدۇ.


    11. ئايلىق ياكى يىللىق ھەق تۆلەشكە بولامدۇ؟

    نۆۋەتتە پەقەت يەككە يازمىغىلا ھەق تۆلەشكە بولىدۇ.

    ......

    ئۈندىدار سالونلارنى ھەقلىق قىلۋەتسە سىز يەنە سالونلارغا ئەگىشەمسىز؟ يوللىغان مەزمۇنلارنى پۇل تۆلەپ ئوقۇيامسىز؟

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • يۇقۇمدىن كىيىن، باھاردا مەن ئۈرۈمچىدە سىزنى ساقلايمەن

    1970-01-01 08:00

  • ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00