• كونا ھېكايە: زىدانى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ غەلىتە خوشلۇشۇشى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • كونا ھېكايە: زىدانى بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ غەلىتە خوشلۇشۇشى

    دوڭچيۇدى تورى 16-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    2006-يىلى يازدا، ئىتالىيەلىكلەر گېرمانىيەدە چېمپىيون بولۇپ دۇنيا لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى، بۇ بىر نۆۋەتلىك نادىر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، شۇنداقلا «سەنئەت پىشىۋاسى» زىدانىنىڭ «كارامىتى»، فرانسىيە كوماندىسىغا باشلامچى بولۇپ بىر يولىلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۇ توپ كوماندىسى ئۆزىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان چاغدا، ماترازىنى ئۈسسۈپ قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن ئايرىلدى، ئالتۇن لوڭقا بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن شۇ دەقىقىلەر ئارقىسىدىكى ھېكايىدە، كۆڭلى يېرىم بولغاندىن باشقا يەنە ئامالسىز قالدى، بۇلارنى سىز بىلەمسىز؟

    قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان «كۆك» قوشۇن مەشھۇرلار رىقابىتى

    2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بولسا ئىككى «كۆك كىيىملىكلەر قوشۇنى» ئىتالىيە بىلەن فرانسىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان داڭلىقلار ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

    بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا ئىتالىيەدە «تېلفۇن سەتچىلىكى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، بىرلەشمىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتى، ترېنېر لىپپى بىلەن كوماندا ئەزالىرى ئېغىر جامائەت پىكرى بېسىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالەتتە مۇسابىقىگە قاتناشتى، فرانسىيە كوماندىسى تەرەپتىن بولسا ترېنېر دومىنىك سىرتقى دۇنيانىڭ ئېغىر گۇمانىي نەزەرلىرى ئاستىدا تارىختىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە يېشى ئەڭ چوڭ (28.4 ياش) فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.

    فرانسىيە كوماندىسى 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولدى، 2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا چېمپىيون بولۇپ كوماندىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى، ئەمما 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، كوماندىنىڭ شانلىق مەزگىلىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ بىر تۈركۈم پېشقەدەم ماھىرلار چېمپىيونلۇققا ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.

    32 ياشلىق ۋېلتورد، 34 ياشلىق تۇرام، ماكلېلې، 35 ياشلىق بارتېز، 30 ياشلىق ۋىئېرا، 29 ياشلىق ھېنرى ۋە تېرېزگوت، ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان زىدانى، يۇقارقى فرانسىيە كوماندىسىنىڭ تۆھپىكار توپچىلىرى، ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى.

    گۇرۇپپا لوڭقىسى باسقۇچىدا ھەر ئىككى كوماندىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىغان، ئىتالىيە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە گانا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 2-مەيدان مۇسابىقىدە ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، كوماندىنىڭ غوللۇق ماھىرى دېروسسى قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ بەش مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە چېخنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدا 1-بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باسقان، فرانسىيە كوماندىسى بولسا ئالدىنقى 2 مەيدان مۇسابىقىدە ئاجىز كوماندا ھېسابلىنىدىغان چېخ ۋە كورېيە كوماندىلىرى بىلەن تەڭلىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق جەڭدە توگو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدا 2-بولۇپ، شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باسقان.

    شاللاش باسقۇچىغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ھەر ئىككى كوماندا ئۆزلىرىنىڭ قالتىس ھالىتىگە ئۆتتى، ئىتالىيە كوماندىسى قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە توتتى كىرگۈزگەن نۇقتا توپقا تايىنىپ ئاۋستىرالىيە كوماندىسىنى شاللاپ تاشلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن 0:3 نەتىجىدە ئۇكرائىنا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبخان گېرمانىيە كوماندىسىنى قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە مەغلۇپ قىلدى، فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇلار 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە 1:3 نەتىجىدە ئىسپانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، كەينىدىن 0:1 نەتىجىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، كەينىدىن 0:1 نەتىجىدە پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىككى كوماندا ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئۇچراشقان.

    بارلىقىنى مۇسابىقىگە ئاتىغان زىدانىنى ھېچكىم توسالمايدۇ

    ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ نادىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەشتىن بۇرۇن، زىدانىنىڭ كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرغان «ئويۇنىنى» كۆرۈپ باقايلى. گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى كورىيە ۋە شۋىتسارىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، زىدانىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى، رەقىبلىرى ئۇنىڭغا چاپلىشىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، بىر توپمۇ كىرگۈزەلمەي قالماستىن، يەنە ئۇدا ئىككى مەيدان سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچراپ، كوماندىنىڭ ھالقىلىق ئاخىرقى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىدى.

    توگو بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە فرانسىيە كوماندىسى ۋىئېرا بىلەن ھېنرىنىڭ كىرگۈزگەن توپلىرىغا تايىنىپ تەسلىكتە گۇرۇپپىدىن چىقتى، شاللاش باسقۇچىدا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مەيدان تولۇق غەلبە قىلغان ئىسپانىيە بىلەن ئۇچراشتى، داۋىد ۋىللا ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن، زىدانى فرانسىيە كوماندىسىغا باشلامچىلىق قىلىپ ئۆزىنىڭ «كارامىتىنى» نامايەن قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقىدىكى 2-توپنى بارلىققا كەلتۈرۈپلا قالماستىن يەنە مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇقىملايدىغان 3-توپنى ئۆزى كىرگۈزدى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن فىرانسىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار كوماندا يېڭى تۈسكە كىردى، چۈنكى پۈتۈن كوماندا دومېنېكنى بىر چەتكە قايرىپ قويدى، زىدانى ئۆزى تاكتىكا تۈزۈپ چىقتى دەپ خەۋەر قىلىشتى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى پىتنە-ئىغۋا دەپ قارىغان، لېكىن كۆپ يىللاردىن كېيىن، زىدانىنىڭ ترېنېرلىق نەتىجىسى ۋە دومېنېكنىڭ ناچار ترېنېرلىق تارىخىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇنى ئەمەلىيەت بولۇشى مۇمكىن دەپ ھىس قىلىشتى.

    4 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى بىرازىلىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، زىدانى ئۆزى يالغۇز رونالدو، رونالدىنھو، كاكا، ئادرىيانو قاتارلىق «گىگانت» چولپانلارغا تاقابىل تۇردى، توپ زىدانىنىڭ پۇتىدا خۇددى «سېھىرلەنگەنگە» ئوخشاش، ئۇنىڭ قىلغان ھەركەتلىرىگە بويسۇندى، ئۇ توپنى ئاتلىتىپ رونالدودىن ئۆتۈپ كەتتى، ئاجايىپ ئايلانما ھەركىتى ئارقىلىق پۇتلاشتىن ساقلاندى، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا ئۆلچەملىك پاس بېرىش ئارقىلىق ھېنرىنىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەم قىلدى.

    يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى قارا تۇلپار پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، فىگو، كرىستىيانو رونالدو قاتارلىق چولپانلار، زىدانىنىڭ ئالدىدا سۈكۈتكە چۆمدى، ھېچقانداق بىر كۈچ، زىدانىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئىستىكىنى توسالمىدى، نۇقتا توپ توسۇش «مۇتەخەسىسسى» دەپ نام ئالغان پورتۇگالىيە قاپقىچىسى رىكاردو ئالدىدا ئۆزىنىڭ سۈرلۈك قىياپىتىنى نامايەن قىلغان زىدانى كۈچىمەيلا توپ كىرگۈزۈپ، فرانسىيە كوماندىسىنى باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم باستى.

    تەڭداشسىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن زىدانى

    1998-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسى ئىككى قېتىم دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئۇچراشتى، 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 4 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدىكى نۇقتا توپ جېڭىدە ئىتالىيە كوماندىسى شاللانغان، 2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا فرانسىيە كوماندىسى ۋېلتوردنىڭ ئاخىرىدا نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈشى، تېرېزگوتنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن فرانسىيە ئىتالىيەنىڭ قولىدىن چېمپىيونلۇقنى تارتىۋالغان.

    2006-يىلىدىكى بۇ رىقابەتتە، بۇ بىر مەيدان تارىخ بېتىگە پۈتۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دىيىشكە بولىدۇ، چۈنكى جەريانى ئەگرى-توقايلىققا تولغان، نادىر بولۇشتىكى بارلىق تەركىپلەرنى تولۇق ھازىرلىغان.

    كەينى-كەينىدىن كۈچلۈك رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان فرانسىيەنىڭ ئىپادىسى، ئېنىقلا ئىتالىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇتتىلا فرانسىيە نۇقتا توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، مۇشۇنداق جىددىي پەيىتتە، يەنە كېلىپ مۇنەۋۋەر قاپقىچى بۇففوننىڭ ئالدىدا زىدانى قوشۇقسىمان نۇقتا توپ تېپىپ قاپقىغا كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن زىدانى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 3 توپ كىرگۈزدى ھەم شۇنداقلا بۇففوننىڭ 460 مىنۇت 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئىچىدە توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىغا خاتىمە بەردى.

    ئىتالىيە كوماندىسى شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمىنى كۆردى، مۇسابىقە باشلىنىپ 19 مىنۇت بولغاندا، ماترازى گۇناھىنى يۇيۇپ، كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئىككى كوماندا يەنىلا تەڭپۇڭ ھالەتكە كەلدى، ھۇجۇم سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېزلەشتى، تونىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، گەرچە فرانسىيە كوماندىسىدىن ۋىئېرا يارىلىنىپ مەيداندىن ئالماشتۇرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما فرانسىيە كوماندىسى قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بارغانسېرى باتۇرلىشىپ كەتتى، 103 مىنۇت بولغاندا زىدانى ئۈسكەن خەتەرلىك كاللا توپنى بۇففون كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك قالتىس چاققانلىقى بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ياخشى پۇرسەتتە توپ كىرگۈزەلمىگەن زىدانىمۇ ۋاقىراش ئارقىلىق بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

    مۇسابىقە داۋاملىشىپ 109 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ كۆرۈنۈش يۈز بەردى، زىدانى بىلەن ماترازىنىڭ بىر قېتىملىق يەكمۇيەك تىركىشىشىدىن كېيىن، زىدانى خۇددى كونتروللۇقىنى يوقاتقان ياۋايى ھايۋاندەك ماترازىنىنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىر كاللا قويۇپ يىقىتىۋەتتى، گەرچە باش رىپېر بۇ ئىشلارنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يان رىپېر ناھايىتى تېزلا بۇنى باش رىپېرغا مەلۇم قىلدى.

    پۇشايمان قىلمايدىغان قىزىل كارتا، زىدانىنىڭ ھاياجانلىنىشىنى ھۆرمەت قىلىڭ

    «ئاخىرلاشتى، ھەممىسى ئاخىرلاشتى» زىدانى ئۆزىگە-ئۆزى چۈشەنچە بەرگەن مۇشۇ بىر ئېغىز گەپتىن كېيىن، جىمجىتقىنە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى ئېلىپ سانىئولغا بەرگەندىن كېيىن، توپ مەيدانىدىن ئايرىلدى، ئالتۇن لوڭقىنىڭ يېنىغا كەلگەندە بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا كۆپرەك كۆرۈۋېلىشنىمۇ خالىمىدى.

    ئوخشاشلا ياز پەسلى 8 يىل بۇرۇن، ئۇ كوماندىدىكى سەپداشلىرى بىلەن بىرگە فرانسىيەنىڭ ئۆزىدە ئالتۇن لوڭقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن، ھازىر بولسا زىدانى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنى خىرەلەشتۈرىدىغان كۆلەڭگۈسىنى قالدۇرۇپ قويدى، ئالتۇن لوڭقىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە زىدانى كۆزىنى ئۇۋۇلاپ قويدى، ئۇنىڭ كۆز يېشى قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۇ ھەم فرانسىيە كوماندىسى «قارا ئۆڭكۈرگە» چۈشۈپ كەتتى.

    زىدانى بولمىغان نۇقتا توپ جېڭىدە فرانسىيە كوماندىسىدىن تېرېزېگوتنىڭ تەپكەن نۇقتا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئىتالىيە كوماندىسىدىن 5 نەپەر ماھىر نۇقتا توپنى تولۇق تېپىپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بېرلىن كېچىسىدە، دومىنىكنىڭ ئامالسىزلىقى، تېرېزېگوتنىڭ كۆز يېشى، ھېنرىنىڭ مەيۈسلىكلىرى قالدى، پەقەتلا زىدانى كەم، كوماندا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن ئۇ مەيدانغا قايتىپ كىرمىدى، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.

    گېرمانىيەگە كېلىشنىڭ ئالدىدا زىدانى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇلدا خوش دەيدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

    بۇ ئىشتىن كېيىن زىدانى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا بىر كىشىنىڭ توختىماي ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ھاقارەت قىلىپ، بولۇپمۇ ئاپا ۋە ئاچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغاچقىلا ئۆزىنىڭ شۇنداەق ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

    «مەن بۇ ھەرىكىتىمدىن پەخىرلىنىپ كەتمەيمەن ئەمما ھەرگىزمۇ پۇشايمانمۇ قىلمايمەن، چۈنكى مەن پۇشايمان قىلدىم دېسەم، ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەرگە باھانە تېپىپ بەرگەن بولىمەن، ئېنىقكى مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن.»

    زىدانىنىڭ بىر قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ بۇرۇنلا ئېرىشىشكە تېگىشلىك چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشىپ بولغان، ئۇ خۇددى فرانسىيە لوۋېر سارىيىدىكى قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەمما كۆپەيتكىلى بولمايدۇ.

    خاتىمە: زىدانىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن خوشلۇشۇش

    كىشىلىك تۇرمۇشتا سىز مۇۋۋەپپىقىيەتكە قانچە يېقىنلاشقانسېرى ھامان بەزى ئەبلەخلەر سىزنى پەسكە تارتىدۇ، ماترازىنى ئەبلەخ دىيىش سەل ئاشۇۋىرەتكەنلىك بولسىمۇ، لېكىن زىدانىنىڭ ئالتۇن لوڭقا بىلەن بولغان ئارىلىقى ھەقىقەتەنمۇ يېرىم قەدەملا قالغان ئىدى.

    ئوخشىمىغان قارارلار ئوخشىمىغان يولدىن چىقىدۇ. ئادەم ھاياتىدا ھامان چوڭ-كىچىك قارارلارنى چىقىرىدۇ، كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىدىن، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا يەنە بىر تاللاشنى تاللىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى يەنە ھازىرقىدەك بولارمىتىم؟ ئەتراپىمدىكى ئادەم ۋە ئىشلار شۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.

    پۇتبول مەيدانىدا پەرەزگە تايىنىشقا بولمايدۇ، ئەگەر زىدانى جازالانمىغان بولسا قانداق بولار ئىدى، بۇ ئىشتىن كېيىن فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دەسلەپكى بەش نەپەر نۇقتا توپ تېپىدىغان ماھىرلارنىڭ ئىچىدە تېرېزېگوت يوق بولۇپ، چۈنكى زىدانى جازالانغاندىن كېيىن، ئۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن ئىكەن.

    زىدانى «ئالتۇن لوڭقىغا» ئېرىشىش خۇشاللىقىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان ئەمەس، 1998- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، ئۇ ئۆزى ماھىر بولمىغان ئۇسۇل بىلەن بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ شىرىن خىيالىنى «كۆپۈككە» ئايلاندۇرغان. توپ مەيدانىدىكى زىدانى شۇنداق، ئۇ ھەممىگە قادىر، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلى بىلەن توپ كوماندىسىنى قۇتقۇزالايدۇ، مەسىلەن، ئەينى يىلى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئاجايىپ قالتىس كىرگۈزگەن توپىغا ئوخشاش.

    لېكىن، بۇ قېتىم زىدانى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى، ئەمما ھېچكىم ئۇنى ئەيىبلەشكە چىدىمىدى، چۈنكى كىشىلەر ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، فرانسىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقى بار.

    ئامېرىكا كىلاسسىك كىنوسى «ۋال كوچىسىدىكى بۆرە» نىڭ ئەسلى شەكلى بېلفورت مۇنداق دېگەن:

    «مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم مەيلى نەچچە قېتىم يىقىلىپ چۈشسۇن، مەيلى قانچىلىك ئېچىنىشلىق يىقىلىپ چۈشسۇن، ئۇ يەنىلا ئادەتتىكى ئادەملەردىنمۇ قالتىس.»

    زىدانى مەستانىلەرنى ئۇزاق ساقلاتمىدى، توپ مەيدانىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى تېزلا خانلىق مادرىد باشقۇرۇش قاتلىمىغا كىرىپ، ناھايىتى تېزلا ترېنېرلىق قامچىسىنى قولىغا ئالدى، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتەك نەتىجىسى بىلەن چېمپىيونلۇقنىڭ چوققىسىدا غالىبلارچە باشقىلارغا نەزەر تاشلىدى.

    2006-يىلى يازدا، زىدانى ئەپسۇسلانغان ھالدا ئالتۇن لوڭقا بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى، ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، قولدىن كەتكىنى ھامان قولدىن كەتكەن بولىدۇ، لېكىن بۇ زىدانىنىڭ يېشىل چىملىقتا داۋاملىق مۆجىزە يارىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، مەيلى مەيداندا بولسۇن ياكى مەيداننىڭ يان تەرىپىدە بولسۇن.

    كىشىلەر 14 يىل بۇرۇنقى ياز پەسلىدە يېشىل چىملىقتىكى بىر سەنئەت پىشىۋاسىنىڭ ئاجايىپ كارامىتىنى كۆرسەتكەنلىكىنى چوقۇم ئەستە تۇتالىدى، چوقۇم زىدانىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدا قالدۇرغان قالتىس ئەسلىمىلىرىنى چوقۇم ئەستە ساقلىيالايدۇ.

    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ زىدانىنىڭ بىزنى قاۈۇچە ھوزۇرلاندۇرغان قالتىس ئەسلىمىلىرىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ترېنېرلىق ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00

  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 104 يۈەنگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مۇكاپاتقا ئېرىشىتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش يىگىت تەلەي سىناپ بېقىش ئۈچۈن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00