• نورمال كەيپىيات بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىلا لاتارىيەنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-22 06:22
  • نورمال كەيپىيات بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىلا لاتارىيەنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ

    نورمال كەيپىيات بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىلا لاتارىيەنىڭ 

    خوشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ


    « تۇنجى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمنى ئويلاپ ھاياجانلانغىنىمدىن كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم، 10مىڭ يۈەن ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجلاندۇرىدىغان مۇكاپات ! بۇ يىللاردا چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلارغىمۇ خېلى كۆپ ئېرىشكەن ئىدىم ، شۇڭا ھازىر خېلى سالماق بولۇپ قالدىم!  

       « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2019028-قارارلىق 120.727 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە تىنچ ھالدا دېدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى پېشقەدەم لاتارىيەچى بۇلۇپ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى دوستلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، لاتارىيە چوڭ ئائىلە قوشۇنىغا قوشۇلۇلغان، ئىزچىل« قوش رەڭلىك توپ» ئويناش ئۇسۇلىغا قىزىقىپ كەلگەن، ئادەتتە ئۆزى نومۇر تاللاشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەلىيى يامان ئەمەس بۇلۇپ چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلار دائىم چىقىپ تۇرىدۇ ، لېكىن بەش مىليونلۇق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان،  « قوش رەڭلىك توپ» ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىمۇ تۇنجى قېتىم چىقىشى ئىدى.
     چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65010622 لاتارىيە بېكىتىگە كېلىپ ئۆزى تەتقىق قىلىپ بولغان بىر قانچە نومۇرنى يۈزلىنىش خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇردى، ئەسلىدە 8 + 1 نى تاللىماقچى ئىدى، لېكىن چوڭ رايوننىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ، 29، 30 نى كۆرسەممۇ يامان ئەمەس ئىكەن دەپ ھېس قىلدى.  بىراقلا 10 + 1 نى تاللىدى!
    شۇ كۈنى كەچتە، « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2019028-قارارلىق مۇكاپاتقا ئېچىلدى، مۇكاپات چىققان نومۇر 4 19 22 26 29 30+11 بولدى.  ۋاڭ ئەپەندى: « ھېلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا 29، 30 نى تاللاپتىمەن، بولمىسا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن قۇرۇق قالاركەنمەن» دېدى.  شۇ قاراردا ۋاڭ ئەپەندى جەمئىي 1 دو 2- دەرىجىلىك مۇكاپات ، 24 دو 4- دەرىجىلىك مۇكاپات ، 90 دو 5 دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ ، جەمئىي 120.727 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا پۇلىغا ئېرىشكەن.  
    نەچچە كۈندىن كېيىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگەنلىكى ھەققىدە ، ۋاڭ ئەپەندى سالماق كەيپىياتتىن باشقا، يەنىلا خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتتى ، ۋاڭ ئەپەندىم: « باھار كەلدى، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ئېغىر ، لاتارىيە ھازىرقى تۇرمۇشتىكى تەڭشەش دورىسى ئارام ئېلىش ئويۇنلىرىدىن ئىبارەت، مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىكىن بۇ ئىشقا ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.  ۋاڭ ئەپەندى يەنە نورمال كەيپىيات بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىلا ئاندىن لاتارىيەنىڭ خوشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • يۇقۇمدىن كىيىن، باھاردا مەن ئۈرۈمچىدە سىزنى ساقلايمەن

    1970-01-01 08:00

  • ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00