• پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى خۇشاللىقلار

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • پاراۋانلىق لاتارىيەدىكى خۇشاللىقلار

    بۇ كۈن خۇشاللىققا تولغان كۈن . بۇ كۈن خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان ياڭ ئەپەندىمگە نىسبەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن ، چۈنكى ياڭ ئەپەندىم ئىدارىسىگە يېقىن جايدىكى 65320156 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدا «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى ئويناپ 32500 يۈۋەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى . تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، بۇ مۇكاپات چىقىش سەۋەبى بولسا ياڭ ئەپەندىم «قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان » لىقى ئۈچۈن بولغان . 
    ياڭ ئەپەندىم ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان بۇلۇپ ، ئۇ دائىم ئۆزىنى ئامىتى ياخشى ئادەم دەيتتى . مۇكاپات چىقىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ياڭ ئەپەندىمنىڭ خىزمەتداشلىرى :« ئەتراپتىكى 65320156 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدا مۇكاپات كۆپ چىقپتۇ ، ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن بىزمۇ بېرىپ تەلەپ سىناپ باقايلى !»-دېدى ، ياڭ ئەپەندىم ئاڭلاپ بېرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى .  ياڭ ئەپەندىم بىر نەچچە دوستى بىلەن سىرتقا چىقىپ بازار ئايلىنىپ ئۆيگە قايتىش يولىدا 6532156 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى ۋە كىرىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ، دوستلىرىنى باشلاپ سېتىش نۇقتىسىغا كىردى . 
    ياڭ ئەپەندىم دوستلىرى بىلەن سېتىش نۇقتىسىغا كىرگەندىن كىيىن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينىماقچى بولدى ۋە بىر نەچچە ئادەم بىرلىشىپ 20 دانە قىممىتى ئوخشىمىغان «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى تاللىدى ، تۇلۇپ تاشقان ئارزۇلار بىلەن قىرىشقا باشلىدى ، ئۇلار ناھايىتى تىزلا قىرىپ بولدى ، لىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى كاتتا مۇكاپات چىقمىدى ، ئۇلار مۇكاپات ئالماشتۇرغاندىن كىيىن سېتىش نۇقتىسىدىن ئايرىلدى . 
    كەچلىك تاماقتىن كىيىن ، ياڭ ئەپەندىم مۇكاپات كاتتا مۇكاپات چىقمىغانلىقىغا تەن بەرمەي ، ئۆزى يالغۇز يەنە 65320156 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كەلدى . سېتىش خادىمىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن ياڭ ئەپەندىم «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينىماي «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى ئويناشنى قارار قىلدى . ياڭ ئەپەندىم بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاش ئوينىدى ، ئۇ 2017111145 قاراردا ئۆزىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنىڭ ئاخىرقى تۆت خانە نۇمۇرىنى تاللىدى 26444 ، ۋە 1 ھەسسە 20 قارار دو تىكتى . دو تىكىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مۇكاپات نۇمۇرى چىقتى ، مۇكاپات نۇمۇرى 26794 بولغان بۇلۇپ ، ياڭ ئەپەندىم 1 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇلۇپ ، مۇكاپات سوممىسى 20 يۈۋەن بولغان . شۇنىڭدىن كىيىن ياڭ ئەپەندىم ئۇزۇن كۈتتى ، ھەش-پەش دېگۈچە ياڭ ئەپەندىمنىڭ دو نۇمۇرى چوڭ ئىكراندا پەيدا بولدى ، يەنە كىلىپ ئورنى ئوخشاش ئىدى . «توۋا ، ماڭا مۇكاپات چىقتى ! مۇكاپات چىقتى ! مىنىڭ ئامىتىم بار ئىكەن ! ھا ھاھا ...» ، ياڭ ئەپەندىم ھاياجانلانغان ھالدا سېتىش خادىمىدىن ئۆزىگە قانچىلىك مۇكاپات چىققانلىقى ، مۇكاپاتنى قەيەردىن ئالىدىغانلىقىنى سورىدى ۋە ئالدىراش سېتىش نۇقتىسىدىن ئايرىلدى . 
    ياڭ ئەپەندىم خوتەن ۋىلايىتى پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كەلدى ۋە 32500 يۈۋەن مۇكاپاتنى قولىغان ئالدى ، ياڭ ناھايىتى خۇشال ھالدا :« ھېلىمۇ مەن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپتىمەن ! بولمىسا بۇ كاتتا مۇكاپات ماڭا چىقمايتتى ، بۇنىڭدىن كىيىن پاراۋانلىق لاتارىيەنى قوللاپ ، جەمئىيەتكە ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قۇشىمەن ! » -دېدى .

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00