• يېڭىلا خىزمەتكە چىققان يىگىت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-23 01:06
  • يېڭىلا خىزمەتكە چىققان يىگىت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    شياۋ سۈي ئەمدىلا خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى قۇمۇل شەھىرىدىكى پارۋانلىق لاتارىيە 65220140 سېتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ بوش ۋاقىتلىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ« قوش رەڭلىك توپ» نومۇرى تاللاپ تەلىيىنى سېناپ باقاتتى .  شياۋسۈي ئەمدىلا خىزمەتكە چىققانلىقتىن قولىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مەبلىغى چەكلىك بولۇپ ھەر بىر قاراردا 10 يۇەندىن 20 يۇەنگىچە يەككە شەكىلدە دو تىكەتتى .  بىر مەزگىل ئوينىغان بولسىمۇ ئانچە چوڭ مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشەلمىدىگەن ئىدى ، 5، 10 يۈەن مۇكاپاتلار ئانچە مۇنچە ئۇچراپ قالاتتى.
    65220140پاراۋانلىق لاتارىيىسى پونكىتىدىكى خې ھەدە ناھايىتى قىزغىن مال ساتقۇچى بولۇپ، شياۋسۈينىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا تەكلىپ بەردى.  خې ھەدە سۈي شياۋغا بىر ھېسابات قىلىپ بەردى، ھەر بىر قېتىمدا 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا بىر ئايدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 يۈەن چىقىم قىلىش كىرەك، بۇنداق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغىچە بىر ئايدا بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە سېتىۋالغان ياخشى ، بىر قېتىمدا سوممىسى چوڭراق بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.  شياۋسۈينىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغاچقا لاتارىيە بولغان چۈشەنچىسى ۋە بولغان ھۆكۈمى ئانچە ئېنىق ئەمەس ئىدى، شۇڭا خې ھەدە بىلەن پونكىتتىكى باشقا لاتارىيەچىلەر نومۇر تاللاشقا ياردەم قىلىشقا چاقىردى ، كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە 1 دو 9 + 1 قوشۇلغان« قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىنىڭ كىچىك قايتىلانما نۇمۇرنى تاللاپ چىقتى .  شياۋ سۈي مۇنداق دېدى: « كۆك نومۇر 16 نى خې ھەدە تاللاپ بەرگەن، ئۇ كۆك نومۇرنى تاللاشتا ناھايىتى ياخشى تەسىراتقا ئىگە، ئاساسىي جەھەتتىن ئون قاراردا بەش ساننى توغرا تاللىيالايدۇ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق"كۆك نۇمۇر تاللاش ماھىرى" ھېسابلىنىدۇ». 
    شۇ كۈنى كەچتە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2019030 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، شياۋ سۈي تەلەي بىلەن 4 دو ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 30 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ، 40 دو بەشىنچى دەرىجلىك مۇكاپات ، 10 دو ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى  18450 يۈەن بولدى .  شياۋسۈي خې ھەدە ۋە كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ نومۇر تاللىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە نومۇر تاللاپ، بىرلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنداق بولغاندا خۇشاللىقمۇ ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، لاتارىيە سېتىۋېلىش خۇشاللىق بىلەن تۇلىدۇ دېدى.  

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • يۇقۇمدىن كىيىن، باھاردا مەن ئۈرۈمچىدە سىزنى ساقلايمەن

    1970-01-01 08:00

  • ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00