• تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى


    ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇلدۇل ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئىزمىردىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا، سابىخا گېكېچىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلانغا ئوت كەتكەن ھەمدە بۇ ئايرۇپىلان ئۈچ پارچە بولۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن. 

    تۈركىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن نەق مەيداندىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشى 
      ئۇنىۋېرسال چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 6-فېۋرال، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى كوكا (FahretinKoca) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇلپار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى 5-فېۋرال ئايرودۇرۇمدا  قونماقچى بولغاندا ، ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كىتىپ ،  ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 179 ئادەم يارىلاندى.
      5-فېۋرال، دۇلدۇل ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئىزمىردىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا، سابىخا گېكېچىن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلانغا ئوت كەتكەن ھەمدە ئۈچ پارچە بولۇپ ئۈزۈلۈپ كەتكەن.  سابىخا گېكچىن ئايرودرومى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋاقتىنچە تاقالدى، بۇ ئايرودرومغا قونغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىغا ۋاقىتلىق قوندى.  ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىستانبولدا كۈچلۈك بوران چىقىپ، قارا يامغۇر يېغىپ، ھاۋا شارائىتى ناچار ئىدى.  نۆۋەتتە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. 
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كوكا 6-چېسلا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئۈچ يولۇچى قازا قىلغان، 179 ئادەم يارىلانغان، نۆۋەتتە (يارىدارلار) دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.
      ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۇچۇش ئىز قوغلاش تور بېكىتى Flightradar24 نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئايرۇپىلان 11 ياشلىق بوئىن 737 تىپلىق ئايرۇپىلان ئىكەن.  لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئايرۇپىلاننىڭ تىپى بوئېن 738 دەپ خەۋەر بەرگەن.  بوئىن تەرەپ تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تۈركىيە قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرى، ئۇچۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن ئايرۇپىلانغا 177 يولۇچى چىققان، 6 ئايرۇپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى چېكىندۈرۈلگەن، يارىلانمىغان.

    مەنبەسى :جۇڭگو ئاخبارات تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00