• ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ھازىر ئۇخلىسىمۇ پۇلكەن! بۇ بالا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ 70 مىڭ تاپتى

    يېقىندا، بىر يىگىت ئۇخلاۋېتىپمۇ بىر كېچىدە 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشكەن... 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە، جياڭشى نەنچاڭدىكى دوۋيىندىكى ئىسمى «谁家的圆三» بولغان بىر يىگىت كەچتە ئۇخلىغان بولۇپ، لېكىن ئۇ باشقىلاردەك «جىممىدە» ئۇخلىمىغان، بەلكى دوۋيىندا بىۋاستە تارقاتقاچ ئۇخلىغان!

    ئۇ ئويغانغاندىن كېيىن چۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، 500 مىڭدىن ئارتۇق تورداش ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنى «قوغدىغان»! 2-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت بىردىن تۆتكىچە جەمئىي 540 مىڭ تورداش بۇ يىگىتنىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17لەر ئەتراپىدا يەنە بىر قېتىم بىۋاستە تارقاتقان، نەتىجىدە تەسىرى كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ بىر مىنۇتتىلا 100 مىڭ تورداش ئۇنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئۆيىگە كىرگەن ھەمدە ئۇنى ئۇخلاشقا ئالدىراتقان.

    بۇ يىگىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇخلىغۇسى يوقلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، لېكىن بىۋاستە تارقىتىش ئۆيىدىكى تورداشلار ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ ئۇخلىمىسا ئەگەشمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئارقىدىن بىۋاستە تارقىتىش ئۆيىدىكىلەرنىڭ سانى 50 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.



    قانداق بولىتى، ئۇخلايدۇدە؟! بۇ جەرياندا ھەتتا ئورنىنى قوپۇپ سۇ ئىچسە ياكى ھاجەتخانىغا چىقسىمۇ «مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدىڭ» دېيىلگەن... «قورقۇپ كەتكەن» 圆三 تېز سۈرئەتتە ئۇخلىۋالغان...

    سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى جەمئىي 18 مىليون 570 مىڭ كىشى «圆三»نىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرگەن بولۇپ، بىۋاستە تارقىتىش ئاخىرلاشقانندىن كېيىن 600 مىڭ كىشى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تورداشلار ئۇنىڭغا 76 مىڭ يۈەن «سوۋغا» قىلغان! «圆三»نىڭ دوۋيىندىكى ئەگەشكۈچىسى ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئەسلىدىكى 37 مىڭدىن 800 مىڭغا چىققان.



    ئەلۋەتتە، تەسىرى كۈچى بۇنچە زور «ئۇيقۇ»مۇ تېزلا مودا بولىدۇدە، شۇنىڭ بىلەن فىلىم سۇپىلىرىدىكى بىۋاستە تارقاتقۇچى تورداشلار ئۇنى دوراپ ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقاتقان، چۈنكى ئۇخلاپ تۇرۇپمۇ پۇل تېپىش ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇدە!


    «圆三»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپلىگەن تورداشلار ئۇنىڭغا ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ قانداق قىلسا ئۇخلىغىنىنى بىۋاستە تارقىتىپ پۇل تاپالايدىغانلىقىنى، قانداق قىلسا نام چىقىرالايدىغانلىقىنى سورىغان. لېكىن، «圆三» مۇنداق دېگەن: «مەن پەقەتلا زېرىكىپ كەتكەچكە ئۇخلىغىنىمنى بىۋاستە تارقىتىپ قويغان، لېكىن تورداشلارنىڭ مەندىنمۇ بەك زېرىككەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. تورداشلارغا ئۇخلاشتىن باشقا ھېچنىمەم يوقتەك تەسىر بېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن.»

    گەرچە «圆三» باشقا مەزمۇنلار ئارقىلىق تورداشلارنى تۇتۇپ قېلىشنى ئويلىسىمۇ، لېكىن تورداشلار يەنىلا ئۇنىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرۈشنى خالايدىكەن، ئۇ باشقا نەرسىلەرنى بىۋاستە تارقاتماقچى بولغاندا، تورداشلار يەنىلا: «بولە، ئۇخلا!» دېيىشكەن.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00