• يۇۋېنتۇس U23 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان 3 توپچىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

  • يوللىغۇچى : مەمەتجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-02 01:38
  • يۇۋېنتۇس U23 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان 3 توپچىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

      ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : « قۇياش گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، يۇۋېنتۇس U23 كوماندىسى بىلەن  پيانېسې كوماندىسى  3-دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ،مۇسابىقىدىن كىيىنكى كۈنلەردە  پىيانېسې كوماندىسىدىكى  بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ئۈچ پۇتبولچى بىلەن  بىر ترېنېرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقىپ، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارغا ئايلانغان.


      تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى يۇۋېنتۇس U23  كوماندىسىدىكى بىر قىسىم ياش پۇتبولچىلار بۇ ھەپتە ئىچىدە ، رونالدو باشچىلىقىدىكى يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بىر مەشىق مەيدانىدا مەشىق قىلغان بولۇپ ، يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە يۇۋېنتۇس U23  كوماندىسىدىكى ئەزالار ئۆيىدە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ.


    مەنبەسى :سىنا تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك