• لاتارىيە سەۋەبلىك ياخشى تونىشىپ قالغان دوسلار

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-18 01:42
  • لاتارىيە سەۋەبلىك ياخشى تونىشىپ قالغان دوسلار

    ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىكى تەقدىرگە ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ ، تىيانشان تېغى جەنۇپ شىمالىدىن كەلگەن لاتارىيەچى دوستلار ئوخشاش قىززىقىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلدى ۋە بىرگە لاتارىيە بېلىتى توغۇرلۇق مۇنازىرە ئېلىپ باردى ، بىر-بىرىگە لاتارىيە بېلتى سېتىۋېلىش ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ بەردى . چاپچال ناھىيەسى لاتارىيەچى دۇ ئەپەندىم ۋە جاڭ ئەپەندىم دەل مۇشۇنداق لاتارىيە سەۋەبلىك ياخشى دوستلار بۇلۇپ قالغان .30-ماي ، ئۇلار ئىككەيلەن بىرگە دو تىكىپ ، «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى بەش يۇلتۇز تەكشى تاللاش ۋە ئۇدۇل تاللاش كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، ئۇمۇمىي مۇكاپات سوممىسى 148480 يۈۋەن بولدى . 
    دۇ ئەپەندىم بولسا پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ ۋاپادار مەستانىسى ، ئۇ ھەر قايسى ئويناش ئۇسۇللىرى ۋە لاتارىيە يۆلىنىشىدە خېلى كۆپ بايقاشلىرى بار ، شۇڭلاشقا نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر دۇ ئەپەندىم دائىم بارىدىغان سېتىش نۇقتىسىغا كېلىپ دۇ ئەپەندىمدىن «تەلېىم» ئالىدۇ . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ، دۇ ئەپەندىم ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ «لاتارىيە مۇتەخەسىس» ى بۇلۇپ قالدى . دۇ ئەپەندىمدىن باشقا يەنە بىر «مۇتەخەسىس» بار ، يەنى شەندوڭ بىلەن چاپچال ناھىيەسى ئارىسىدا سودا قىلىدىغان جاڭ ئەپەندىم ، تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بولسى كېرەك ، دۇ ئەپەندىم جاڭ ئەپەندىم بىر كۆرۈشۈپلا ياخشى دوستلاردىن بۇلۇپ قالدى ، ئۇلار كۈندە دېگۈدەك سېتىش نۇقتىسىدا پاراۋانلىق لاتارىيە توغرىسىدا تەتقىق ئېلىپ بارىدۇ .
    30-ماي كەچ ، دۇ ئەپەندىم ۋە جاڭ ئەپەندىم چاپچال ناھىيەسى 654180760 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كەلدى ، ئۇلار مەركەزنى «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى بەش يۇلتۇز ئويناش ئۇسۇلىغا قۇيۇشقا دېيىشتى . ئۇلار ئىككەيلەن بىرگە نۇمۇر تاللىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلار چوڭ سومما بىلەن دو تىكىشكە مەپتۇن ئەمەس ، ئۇلار شۇ كۈنى «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى 70 قاراردا «99058» نۇمۇرغا 1 دو بەش يۇلتۇز ۋە بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاشقا دو تىكتى . شۇ قارار مۇكاپات ئېچىلىغاندىن كىيىن ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈپ كەتتى ، چۈنكى ئىككەيلەن 4 يۈۋەن بىلەن بەش يۇلتۇز ۋە بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 150 مىڭ يۈۋەن ، بۇ خۇشخەۋەر ناھايىتى تىزلا چاپچالدىكى ھەرقايسى لاتارىيە سېتىش نۇقتىلىرىغا تارقالدى . 

    ئىككىنچى كۈنى ، ئىككەيلەن بىرگە غولجا پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ كاتتا مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى . دۇ ئەپەندىم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى :« كۈچ بىرلىكتە ، ئىش ئۆملىكتە ! » ئۇلار مۇكاپاتنى قولىغا ئېلىپ بۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىرگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك