• ۋاڭ ئەپەندىم << كاتتا مۇكاپات>> باۋما ماشىنىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-18 01:59
  • ۋاڭ ئەپەندىم << كاتتا مۇكاپات>> باۋما ماشىنىغا ئېرىشتى

    قېرىپ خۇشاللىق ئىزدەش «كاتتا مۇكاپات» ئۇيۇنى بازارغا چىققاندىن كىيىن قۇمۇلدىكى لاتارىيەچى خەلىقنىڭ ياقتۇرۇپ ئوينىشىغا ئېرىشتى . بۇ لاتارىيەمۇ خەلىقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى ، مىليون يۈۋەنلىك مۇكاپات ، ئېسىل باۋما ئاپتوموبىلى ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ لاتارىيەچىلەرنى خۇشال قىلدى . قۇمۇلدىكى لاتارىيەچى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناشقا ئۇستا ، شۇڭلاشقا بۇنداق كاتتا مۇكاپاتلار بۇ يەردە ئاز ئەمەس . مانا قارارڭ ، 9-ئىيون چۈشتىن بۇرۇن باۋما ئاپتوموبىلىغا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئۈرۈمچىدىكى باۋما 4S دۇكىنىدا ماشىنىنى قۇلىغان ئالدى ، بىرگە ماشىنا ئالغان يەنە بىرەيلەن بار بۇلۇپ بۇ كىشى بورتالادىن بۇلۇپ ئوخشاشلا باۋما ئاپتوموبىلىغا ئېرىشكەن ئىدى . 
    6-ئىيون قۇمۇل شەھىرى 65220144 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىدىن خۇشخەۋەر كەلدى ، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىم قىرىپ خۇشاللىق «كاتتا مۇكاپات» ئۇيۇنىدا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلغا ئېرىشكەن -- باۋما X1 ، بۇ لاتارىيەچى قۇمۇلدىكى تۇنجى بۇلۇپ باۋما ئاپتوموبىلىغا ئېرىشكەن لاتارىيە بۇلۇپ قالدى . 
    ئېگەللىنىشچە ، ۋاڭ ئەپەندىم ئاددىي خىزمەتچى بۇلۇپ ، ئادەتتە ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش بۇلۇپ ، بەزىدە يەنە كاماندىروپكىغا چىقىدۇ ، ئۇ ماشىنىنى يول بۇيىدا توختۇتۇپ قۇيۇپ سېتىش نۇقتىسىغا كىرىپ بىر نەچچە تال «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرىشقا ئامراق ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ بىر ئۆزىنى قۇيۇۋېتىپ ئارام ئېلىش ھېسابلىنىدۇ .  بۇ قېتىممۇ ئوخشاش ، ۋاڭ ئەپەندىم ئالدىراشلا ماشىنىنى توختۇتۇپ سېتىش نۇقتىسىغا كىرىپ كەلدى ، رەڭگارەڭ لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ قىلچە ئىككىلەنمەي «كاتتامۇكاپات» لاتارىيە بېلىتىنى تاللىدى ، ئۇ سېتىش خادىمىغا مۇنداق دېدى :« دەل مۇشۇ لاتارىيە بېلىتى بولسۇن ، ئويلىمىغان يەردىن باۋما ئاپتوموبىلى چىقىپ قالامدۇ تېخى ؟ » ، كېيىن راستىنلا باۋما چققاندا ئۇ مۇنداق دېدى :« ئويلىمىغان يەردىن راستىنلا باۋما چىقتى ، مەن باشتا بۇنىڭا ئىشەنمەي سېتىش خادىمىنى چاقىرىپ مۇقۇملاشتۇردۇم ، ھەقىقەتەن باۋما چىققان ئىدى ، مەن ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كەتتىم . »
    ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش مەركىزىدە ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېدى :« باشقىلاردىن 'كاتتا مۇكاپات' بەك ئالقىشقا ئېرىشتى ، مىليون يۈۋەن كاتتا مۇكاپات چىقىپلا قالماي يەنە ھەشەمەتلىك باۋما ئاپتوموبىلى چىقىدۇ ، دەپ ئاڭلىغان ، شۇڭلاشقا مەنمۇ ئۆزۈمنى سېناپ باققان ئىدىم ، ئويلىمىغان يەردىن راستىنلا باۋما چىقتى ، مەن بەك ئامەتلىك ئىكەنمەن .... » 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك