• دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تور ناخشا كېچىلىكى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ زور تور ناخشا كېچىلىكى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

       ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇچى مەركىزى تەۋسىيەسى: يۇقۇم مەزگىلىدە ، دۆلىتىمىز مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان « كەلگۈسىگە ئىشىنىش»توردا خالىس ئويۇن قويۇش تۇنجى مەيدان ئويۇنى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 19:30دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ.

        بۇ قېتىملىق توردىكى ئويۇن قويۇش پائالىيتىنى دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى داڭلىق تور بېكەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا  بىۋاستە تارقىتىدىغان بولۇپ ، ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ، شىنجاڭدىكى باشلامچى تور بېكەتلەرنىڭ بىرى ئەلكۈيى تورىدىمۇ دەل ۋاقتىدا نەق مەيداندىن ۋىدىئولۇق شەكىلدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ، كېچىلىكتە  نۇرغۇن داڭلىق مۇزىكانتلار مۇزىكىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەرنىڭ قايتا ئىشلەپ، قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، بىرلىكتە گۈللەپ ياشنىشىغا ئىلھام بىرىدۇ.


       « كەلگۈسىگە ئىشىنىش» توردىكى خالىس ئويۇن قويۇشنى دۆلىتىمزىدىكى داڭلىق مۇزىكانت گاۋ شياۋسۇڭ باش بولۇپ پىلانلىغان، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، 130 گۇرۇپپىدىن ئارتۇق مۇزىكانت، دۆلىتىمىزدىكى بەي يەنسۇڭ قاتارلىق ئۈچ داڭلىق رىياسەتچى خالىس ئويۇن قويۇش سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈلگەن، بۇ قېتىملىق خالىس ئويۇن قويۇش پائالىيتى جۇڭگو مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى توردا خالىس ئويۇن قويۇش دەپ ئاتالغان بولۇپ ، بۈگۈن كەچ ئالتۇن ۋاقىتتا ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق بۇ كېچىلىكنى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!

       ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئېگىلىشىچە، بۈگۈن كەچتىكى توردا خالىس ئويۇن قويۇش كېچىلىكىدە مۇزىكا ئورۇنلاشتىن باشقا، بۇ قېتىمقى ئويۇن يەنە تاماشىبىنلارنى داۋالاش خادىملىرى، جەمئىيەتتىكى پىدائىيلار، ئادەتتىكى سودىگەرلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش تۇرمۇشىغا باشلاپ بېرىپ، ئوخشىمىغان« جۇڭگو تېمپېراتۇرىسى» ، « جۇڭگو سۈرئىتى» نى ھېس قىلدۇرىدۇ.

       بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش ئويۇنى بارلىق سودا ئامىللىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بولۇپ ، نام قويۇش، قىستۇرما ئېلان قويماسلىق، كۆرگۈچىلەردىن ئەزالىق ھوقۇقى تەلەپ قىلىنماسلىق،ھېچقانداق ھەق ئالماسلىق ، كۆرۈشكە ھېچقانداق توساق تەسىس قىلماسلىقتەك مىزاننى تولۇق نامايەندە قىلغان.


         ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ تولۇق جەريانىنى ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇلىرىدا نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،بۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى 19:30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ ،  تاماشىبىنلارغا بۇ قېتىمقى خالىس ئويۇن قويۇش ئەھۋالىنى پۈتۈن مۇساپىلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەربىر كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشقان روھىي قىياپىتى ۋە قەيسەر ئىرادىسىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

     سىز پەقەت ئەلكۈيى تورىغا كىرىپ ياكى ئەلكۈيى سالونىنى قوشىۋېلىش ئارقىلىق « كەلگۈسىگە ئىشىنىش» يۈز نەپەر داڭلىق ناخشىچىنىڭ  توردا خالىس ئويۇن قويۇش كېچىلىكىنى دەل ۋاقتىدا بىۋاستە كۆرەلەيسىز ۋە يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى بىلدۈرەلەيسىز.

       بۇ قېتىمقى« كەلگۈسىگە ئىشىنىمىز»100 داڭلىق ناخشىچىنىڭ توردا خالىس ئويۇن قويۇش كېچىلىكىنى ئەلكۈيى تورى  زور كۈچ بىلەن قوللاپ، خالىس ئويۇن قويۇش ئەھۋالىنى پۈتۈن مۇساپىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى زور كۈچ بىلەن نامايەندە قىلىدۇ .

        5-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى بۈگۈن كەچ سائەت 19ىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ، ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى يانفۇن ئەپ دىتالى ئارقىلىق ، جۇڭگودا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق تاراتقۇلار تەڭلا تارقاتقان ، ئېسىل، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان « كەلگۈسىگە ئىشىنىش» تېمىسىدىكى 100داڭلىق ناخشىچىنىڭ توردا خالىس ئويۇن قويۇش كېچىلىكىنى دەل ۋاقتىدا كۆرۈشكە ، بىرلىكتە ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، كەلگۈسىگە ئىشىنىپ، ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىمىزنى يەنە بىر قېتىم نامايەندە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز !


     تاماشىبىنلار ئاستىدىكى بۇ خەتنى چىكىپلا ياكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپلا  بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرسە بولىدۇ.


    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00

  • ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 50 يۈەندىن ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 80 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • ئۈرۈمچى: تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەربىرىگە كۈنىگە 50 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تاماق يەتكۈزۈپ

    1970-01-01 08:00

  • كىرىستىيانپ رونالدو: چىمپىيونلۇقنى يۇقۇمدا قىينىلىۋاتقانلارغا سوۋغا قىلىمىز

    1970-01-01 08:00

  • مايۈن پو ئاتمىدى ، تور سودىسى بارغانسىرى شاللانماقتا، دىققەت قىلىڭ

    1970-01-01 08:00

  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00