• جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تۇنجى قېتىم « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» دا نامايان بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تۇنجى قېتىم « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» دا نامايان بولدى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمىسى : 
    ئەتىيازدا پۈتۈن كائىنات گۈللىنىدۇ؛ ئون چاقىرىم باھار شامىلى ساڭا يەتمەيدۇ؛ ئون چاقىرىم شاپتۇل چېچىكى ساڭا يەتمەيدۇ. 

    2020 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ شىخەنزە 14 ـ نۆۋەتلىك « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» شىخەنزىدىكى 10 مىڭ مولۇق شاپتۇللۇقتا داغدۇغىلىق باشلاندى، پائالىيەت ۋاقتى 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 4 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىگىچە بولۇپ، 9 كۈن داۋاملاشتى. 


    « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» شىخەنزىدىكى يەرلىك كىشىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى كۈيتۈن، ساۋەن، ماناس قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىمۇ جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تۇنجى قېتىم « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» دا نامايان بولدى. شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتى، كومپيۇتېر بېلىتى ئويۇنىنى تونۇشتۇرۇش، يەنى بېلەت سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. قىپقىزىل تەشۋىقات ئېلانى ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تۇرۇشقا جەلپ قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، بەزىلىرى مەسلىھەت سورىدى ، بەزىلىرى پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىنىڭ ئورنىنى سورىدى ......


    قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى كۆرگەزمە رايونى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، « ئامەت ئون ھەسسە» ، « گېڭزى چاشقىنى» ، يەنە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ، « ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» قاتارلىق ئون نەچچە خىل بېلەت ساياھەتچىلەرنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەندى. « شاپتۇل چېچىكىگە ئامەت ئىزدەپ كەلدىم ، ئەگەر لاتارىيە ئويناپ قالسام تەلەي ئوڭدىن كىلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام بەك ياخشى بۇلاتتى.»  شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «ئون ھەسسە ئامەت» نى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئامىتى كېلىشىنى كۈتىۋېتىپتۇ. «سىرتقا چىقىپ شاپتۇل چېچىكىنى كۆرگەندە يەنە لاتارىيە بېلىتى ئالغىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن قولايلىق ئىكەن، مەن ھەر يىلى بۇ يەرگە شاپتۇل چېچىكىنى كۆرگىلى كېلىمەن، سىلەرنىڭمۇ ھەر يىلى بۇ يەرگە كىلىپ بىزگە ئامەت ئېلىپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» ــ دېدى لاتارىيەچى گو ئەپەندى خۇشال ھالدا. 


    زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان، ياپيېشىل دەرەخلەر، شاپتۇل چېچىكى، ھەممە يەر گۈزەل مەنزىرىگە تولغان بولۇپ سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى. بەزىلەر مۇنداق دېدى: پاراۋانلىق لاتارىيەسى جۇڭگولۇقلارنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشقا قاتناشقان ھەر بىر كىشى دۆلەتنىڭ« ياشانغانلارنى يۆلەش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، يېتىم-يېسىرلارنى قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» پاراۋانلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىدۇ. شۇنداق، ھەر بىر كىشىگە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت. 2020 ـ يىلىدىكى شىخەنزە « شاپتۇل چېچىكى بايرىمى» دا ھال رەڭلىك گۈل دېڭىزىغا يېڭىدىن « جۇڭگو قىزىلى » قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى. 

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00