• يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش

    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشنى قىلچە بوشاشتۇرماي پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش
    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمىسى : 
    ئۆتۈپ كەتمەيدىغان قىش يوق، كەلمەيدىغان باھار يوق. ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى سېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خۇش خەۋىرىنى كۈتۈۋالدى. پىچاننىڭ يېڭى كروران كوچىسىغا جايلاشقان 65218018 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ما خېڭمېي ناھايىتى ھاياجانلاندى ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلىپ، لاتارىيە بېلىتى بازىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلدى. 
    گەرچە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئون كۈن ئىش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن ما خېڭمېي لاتارىيەچىلەرنىڭ دوستلار چەمبىرىكى ھەمدە قوشنىلار ئارا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىتىپ بازارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقاتتى. ناھايىتى تېزلا پېشقەدەم لاتارىيەچىلەر كەينى ـ كەينىدىن كېلىپ، ما خېڭمېينىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى. ئۇ يۇقۇمدىن ساقلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئەسۋابى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى، ماسكا قاتارلىقلارنى تۇلۇق سېتىۋالدى ھەمدە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنى پاكىز تازىلاپ، قەدىناس دوستلارنى كۈتۈۋالدى. 
    گەرچە تەييارلىق خىزمەتلىرى ناھايىتى كۆپ ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما لاتارىيەچىلەر ئارقا ـ ئارقىدىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندە، ما خېڭمېينىڭ كۆڭلىدە تەمكىنلىك كۆپەيدى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغان ئىدى، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دۇكاننى دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش، ماسكا تاقاش، ئارىلىقنى كونترول قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى... ھەر بىر تەرتىپ ۋە ھەر بىر ئىنچىكە ھالقا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 
    65218018 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى 2019-يىلى 4-ئايدا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى كەسپىدىكى« يېڭى ئەسكەر» ھېسابلىنىدۇ، لېكىن مال ساتقۇچى ما خېڭمېينىڭ كۆپ يىللىق لاتارىيە سېتىۋېلىش تەجرىبىسى بار، شۇڭا ئۇ ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىغا ناھايىتى پىششىق. لاتارىيە سېتىۋالغۇچىدىن لاتارىيە بېلىتى ساتقۇچىغا ئايلانغان ما خېڭمېي ئادەتتىكى مال ساتقۇچىلارغا قارىغاندا، لاتارىيەچىلەرنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەتتى، ئۇ كۆڭلىدە لاتارىيە پونكىتى تىجارىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، دۇكاننى ياخشى ساقلاشتىن باشقا تېخىمۇ مۇھىمى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: « مۇلازىمەت ۋە تەپسىلاتلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇ ئىككىسى كەم بولسا بولمايدۇ، ياخشى بولغان لاتارىيە سېتىۋېلىش مۇھىتىنى ساقلاپ قېلىش، مۇكەممەل قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش، چەك چىقىرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش سۈرئىتى ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، خېرىدارلارنىڭ دەۋا تەلىپىگە ۋاقتىدا ئاۋاز قوشۇش، لاتارىيە سېتىۋېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، لاتارىيە ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش، لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارنى لاتارىيە سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي گەۋدە دۇكىنىنىڭ كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. »-دېدى، بەزى لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلار« لاتارىيە سېتىۋېلىش پەقەت تەلەي سىناپ بېقىش» كويىدا بولىدۇ، جامائەت پاراۋانلىقى دېگەن بۇ سۆزنى چۈشەنمەيدۇ، ما خېڭمېينىڭ تەشۋىق قىلىشى بىلەن بۇ لاتارىيەچىلەر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولدى. 

    گەرچە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سېتىشقا بولغان تەسىرى چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ما خېڭمېينىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى سېتىش ئاكتىپچانلىقى قىلچە سۇسلاشمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: داۋاملىق پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، سېتىش يېڭى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، لاتارىيەلىكلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، " شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى" نىڭ پىچاندا چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە كۈچ قوشىمەن.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00