• ئامەتلىك لاتارىيە تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىدا 10 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئامەتلىك لاتارىيە تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىدا 10 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تەرجىمىسى : 
    تەلەي ھەمىشە تاسادىپىي كىلىدۇ، مانا ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى ما ئەپەندى تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، بەختكە يارىشا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئېلىنسا ما ئەپەندى ھاياجانلىنىپ كېتىدۇ. 
    4- ئاينىڭ 17- كۈنى كەچتە، ما ئەپەندى دوستلىرى بىلەن تاماق يېگىلى بارماقچى بولدى، 65430103 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە دوستى ئىككى تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى، پونكىتقا كىرىپلا دوستى خۇشاللىق بىلەن«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لاتارىيەسىنى تاللىدى، ئەسلىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئويى يوق ما ئەپەندى دوستىنىڭ بۇنداق قىزىقىشىغا قاراپ تۇرۇپ: « لاتارىيە ئوينىسا ئاسانلا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەمدۇ؟ مەن بىر قېتىمۇ ئويناپ باقمىغان ئىدىم! » دەپ سورىغاندا، دوستى ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا كۈڭۈل خۇشاللىقى ئۈچۈن سېتىۋالىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشسەم تەلىيىم كەلدى، مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسەم جامائەت پاراۋانلىقى دەپ قارايمەن! » دەپ جاۋاب بەردى. ما ئەپەندى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن لاتارىيەگە سەل قىزىقىپ قالدى، ئۇ لاتارىيە بېلىتى ئىشكابىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆزىتىشكە باشلىدى، 5 يۈەن، 10 يۈەن، 20 يۈەن، 30 يۈەن، 50 يۈەنلىك ئوخشىمىغان قىممەتتىكى لاتارىيە بېلىتىنى كۆردى ، بۇ لاتارىيەلەر تۇنجى قېتىم لاتارىيە بىلەن ئۇچراشقان ما ئەپەندىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى. ما ئەپەندى دەرھال مال ساتقۇچىنى چاقىرىپ: ـــ تاللاپ يۈرۈپ، قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم، ھەر بىر لاتارىيە بېلىتىدىن سېتىۋالغۇم بار! قانداق قىلىشىم كېرەك؟»-دەپ سورىدى ، مال ساتقۇچى ما ئەپەندىنىڭ تۇنجى قېتىم«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويناۋاتقانلىقىنى بىلىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ما ئەپەندىگە بىر نەچچە لاتارىيە بېلىتىنى تەۋسىيە قىلدى. « خاسىيەتلىك ئالتۇن» نىڭ تۈرى تىلغا ئېلىنغاندا، ما ئەپەندى ئۇنىڭ ئىسمىغا مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئاڭلىسام ئۇمۇ يېڭى بېلەت تۈرى ئىكەن، ما ئەپەندى دەرھال بىرنى ئېلىپ قىرىشقا باشلىدى. 

    مانا لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشى بىلەنلا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، بىر چەتتە تۇرغان دوستلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ھەيران قالدى، ما ئەپەندىم تۇنجى قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ شۇنچىلىك تەلەيلىك ئىدى، بۇنىڭ ما ئەپەندى ئۆزىمۇ ئىنتايىن ھەيران قالدى، ئۇ ساتقۇچى خادىمغا مۇنداق دېدى: « ئىلگىرى لاتارىيەنى چۈشەنمەيتتىم، لاتارىيە سېتىۋېلىشقا ھېچقانداق قىزىقىشىم يوق ئىدى، تۇنجى قېتىم سېتىۋالساملا 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىپتىمەن، مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنمەن! » دېدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00