• تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 32-كۈنى تەرجىمىسى : 
    2020- يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى « گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» نى يولغا قويدى، بۇ بېلەتنىڭ قىممىتى 20 يۈەن، مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە« چاشقان يىلى Q5 يول باشلاش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، پائالىيەت مەزگىلىدە لاتارىيەچىلەرنىڭ ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار. 
    « گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» پۈتۈن شىنجاڭدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش دولقۇنىنى كۆتۈردى، مىليون يۈەنلىك مۇكاپات ۋە ئاۋدى ماركىلىق ئاپتوموبىل توغرىسىدا ئارقا ـ ئارقىدىن خۇش خەۋەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تارقالدى. 4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىنىڭ 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بىر ئامەتلىك لاتارىيەچى مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر تېزلا تارقىلىپ، دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىدى. 
    بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 16-ئاپرېل ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 65230244 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئالدىغا چاپلانغان « چاشقان يىلى Q5 يول باشلاش» ئاپېلسىن رەڭلىك تەشۋىقات ئېلانى كۆزىگە چېلىقتى. جاڭ ئەپەندى « گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا بىر قېتىم سىناپ باققان بولسىمۇ، لېكىن تەلىيى ئانچە ئوڭدىن كەلمىدى، ئازراقلا مۇكاپات ئالدى. جاڭ ئەپەندى: « ئېلانغا قاراپ يەنە چاپلاقلىق تۇرىدۇ، مەن يەنىلا تەلىيىمنى سىناپ باقاي دەپ 10 پارچىنى تاللاپ ئېلىپ كەلدىم» دېدى.
    جاڭ ئەپەندى بۇلۇڭدا جىم ئولتۇرۇپ لاتارىيە بېلىتىنى قىرىۋاتاتتى ، تەلىيى تۇيۇقسىز يېتىپ كەلدى، ئۇ لاتارىيە يۈزىدىكى قىرىلغان رايوننىڭ 9- مەيدان ئويۇنىدا بىر-بىرىگە ئوخشاش ئۈچ نەقىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى، ئويۇننىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ لاتارىيە بىېلىتىگە مۇكاپات چىققان ئىدى! مۇكاپات رايونىدىكى 1 نىڭ كەينىدە نۇرغۇن نۆللەر بار بولۇپ، بۇنچە كۆپ نۆللەرنى جاڭ ئەپەندى بىر مەھەل ساناپ بولالمىدى، نۇر چاقناپ تۇرغان« 1000000» نى كۈرۈپ ئۇ گاڭگىراپ قالدى ، ئەڭ ئاخىرىدا مال ساتقۇچى خادىم ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بىر مىليون يۈەن مۇكاپات چىققانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاندىن ئېسىنى تاپتى.
    جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « ئەسلىدە ئاپتوموبىل مۇكاپاتى چىقىش ئەڭ چوڭ بەخت ئىدى، بۇنداق چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، ئەتە مۇكاپات ئالغىلى بارىمەن، كېيىن يەنە داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق ئشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن» دېدى.

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئەنگىلىيە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېمىزلەرنى ئۆيدىن چىققۇزماسلىقنى پىلانلىدى

    1970-01-01 08:00

  • مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسىدىن ئىككەيلەن تاجىسىمان ۋېرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

    1970-01-01 08:00

  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00