• دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىقلار جىبو كەسپىنى مەخسۇس تۈزىمەكچى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىقلار جىبو كەسپىنى مەخسۇس تۈزىمەكچى

       دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ، مەملىكەتلىك « شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش » ئىشخانىسى ،  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز تارماق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

       ۋاڭشىن جۇڭگو خەۋىرى ، ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى :تور ئەھلىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە« مۇكاپاتلاش» ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىغا ئېغىر زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، بۈگۈندىن باشلاپ دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك« شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېرىم يىللىق توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنى مەخسۇس تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

         بۇ قېتىمقى مەركەزلىك ھەرىكەتتە كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى قەتئىي ئۈنۈملۈك توسۇپلا قالماي، يەنە كەسىپ قائىدىسىنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

     يېقىندا، ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھەمدە تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش ئارقىلىق، تۇنجى تۈركۈمدە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە« خان تاج بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسى» ، « ئايلىق بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسى» قاتارلىق شەھۋانىيلىققا چېتىلىدىغان، ئېغىر پەسكەش، چاكىنا مەزموندىكى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ توردا بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىلىرىدىن 44 سۇپىلارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ، چاقىرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، بازاردىن چىقىرۋېتىش ، تورنى تاقاش قاتارلىق پەلەمپەيسىمان جازالارنى يولغا قويدى؛ بىر تۈركۈم شەھۋانىي، پەسكەش مەزمۇندىكى بىۋاستە كۆرسىتىش مەزمۇنىدىن پايدىلىنىش مىساللىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، « ياۋمېي بىۋاسىتە كۆرسىتىشى» ، « سەزگۈچى بىۋاسىتە كۆرسىتىشى» ، « 9158 ساھىبجامال ۋىدېئوسى» ، « مۇا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى » ، « مىتاۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى» ، « بوبى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىس » قاتارلىق سۇپىلارغا توردىكى چاكىنا بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنىنى تارقاتقانلارغا مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپى ئۈنۈملۈك تۈزەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرى يەنىلا قالايمىقان بولماقتا.


     بولۇپمۇ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، مەملىكەت بويىچە كۆپ ساندىكى تور ئەھلىنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، بەزى بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئېقىم مىقدارىنى قوغلىشىش، كۆز بۇياش ئۈچۈن ، دىكتورنىڭ كىيىنىشى ئوچۇق، تىلى قوپال، ھەرىكىتى قەبىھ بولغان خاتالىقلارنى سادىر قىلدى.  « پاراۋانلىق يەتكۈزۈش» ، چاكىنا ماھارەتلەرنى كۆرسىتىش، پەسكەش ھەرىكەتلەرنى قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات تارقىتىپ، ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پۇل قاچىلاپ مۇكاپاتلاشقا ئۈندىدى.

     پاش قىلىش مىساللىرى كۆپ، بەزى بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىلىرى تور ئەھلىگە ئۈچ يوق مەھسۇلات، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ساتقان،ئالدامچىلىق قىلىپ ،  ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن، نورمال توردا مال سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، بەزى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىنىڭ رىياسەتچىلىرى تارىخىي ئىنكارچىلىق ۋە پۇلپەرەسلىك خاتا پىكىر ئېقىمىنى ھە دەپ تەرغىب قىلدى، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ، فېئودال خۇراپاتلىقنى تارقىتىپ، سەلبىي سۆزلەرنى ئېلان قىلىپ، ھەتتا تور ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، بەزى شەھۋانىي ۋە توردا قىمار ئوينايدىغان بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىلىرى ، ئىجتىمائىي ئالاقە توپى گۇرۇپپىسى ۋە مۇنبەر ئارقىلىق زىيانلىق ئۇلانما ۋە ئىككىلىك كودنى تارقىتىپ، شەھۋانىي بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى ئاشكارا قوبۇل قىلىپ،توردا قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى سادىر قىلغان .

     توردا بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىدىكى بۇ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار تور ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسەتتى، چوقۇم تۈزەش كېرەك.

    قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى توسۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىكى ئاخىرقى مەقسەت كەسىپنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

    دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك« شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان باشقۇرۇش قائىدىسى ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى ئىلمىي تۈزۈپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شۇنداقلا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مال ئېلىپ يۈرۈشنى باشقۇرۇش قائىدىسى، ئاكتىپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان تور دىكتورلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئالاقىدار بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، ئاكتىپ، ساغلام، ئوزۇقلۇق مول، ئاكتىپ ئېنېرگىيە يېتەرلىك بولغان تورنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :ۋاڭشىن جۇڭگو خەۋىرى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00