• بەيشى كېلى شىركىتىدە يۇقۇم بايقىلىپ ، تىجارەت توختىتىلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • بەيشى كېلى شىركىتىدە يۇقۇم بايقىلىپ ، تىجارەت توختىتىلدى

     

      ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: 21چېسلا چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى 128-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بەيشى كېلې  شىركىتى داجۇڭخۇا رايونى گۇرۇھى خوجىلىق بۆلۈمىنىڭ كارخانا تەشۋىقات باش نازارەتچىسى فەن جىمىن داشىڭ رايونى بەيشى يېمەكلىك (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى بېيجىڭ شۆبە زاۋۇتىدا شىنفادى بازىرىدىن كىرىش  تىپىدىكى يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

    فەن جىمىن مۇنداق دېدى: بەيشى يېمەكلىك (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى سىۋېي يولى شۆبە زاۋۇتىدا كېسەللىك ئەھۋالى بايقالغاندىن كېيىن، دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش، تىجارەتنى توختىتىش، مەھسۇلاتنى پېچەتلەش، مۇھىتنى يوقىتىش، خادىملارنى ئايرىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى؛ مەھسۇلات ۋە زاۋۇت رايونىنىڭ مۇھىتىدىن ھەر تەرەپلىمە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى، ھازىر مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنفادى يۇقۇمىدىن كېيىنكى مەھسۇلاتلارنىڭ پېچەتلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
    ھازىر بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە دوكلات قىلىمىز:
    بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىشنى تېزدىن توختىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش.


     15-ئىيۇن، تۇنجى بىمارغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ئىشلەپچىقىرىشنى دەرھال توختىتىپ، پۈتۈن زاۋۇت ئىچىدە يوقىتىش، ئىسكىلاتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى قامال قىلىش، سىرتقا توشۇش مەنئى قىلىندى. جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇلىۋاتىدۇ.

    ئىككىنچى، ئادەملەردىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆيىدە ئايرىۋېتىلدى، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بارلىق خادىملارنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى 480 كىشى مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسىغا يۆتكەپ ئايرىۋېتىلدى، بۇ 480 كىشىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولدى. شۇ كۈنى، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئورتاق ئولتۇراقلاشقان خادىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيدە ئايرىپ كۆزىتىش يولغا قويۇلدى.

    ئۈچىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ماسلىشىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالىنى تەڭشەش دوكلاتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەخپىي ئۇلاش خادىملىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
     6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى سائەت د18ە، قويۇق ئۇچراشقانلاردىن 87ى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، مەركەزلىك ئايرىش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
    تۆتىنچى، مۇھىت تەكشۈرۈش ۋە يوقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش .
     6-ئاينىڭ 16-كۈنى رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى زاۋۇت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىتقا سۈركەش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئالدى، نەتىجىدە بىردەك مەنپىي چىقتى. 6- ئاينىڭ 15 - ۋە 20- كۈنى ئاشخانا، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، سېخ قول يۇيۇش رايونى، ھاجەتخانا، ئاقما لىنىيە خىزمەت رايونى قاتارلىق ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك مۇھىت تازىلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلدى.

    بەشىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىندى.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00

  • تۆۋەندە بۇ تۆت خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى لاتارىيەچىلەرگە تونۇشتۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى لاتارىيە سېتىش نوقتىلىرى يۇقۇمغا پائال قارشى تۇردى

    1970-01-01 08:00

  • ئامەت كەلدى ! ئامەت كەلسە ، قانداق نۇمۇر ئېلىڭ ئوخشاش مۇكاپات چىقىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • پارۋانلىق لاتارىيەسى زىمىستان سۇغۇق قىشتا سىزگە ئىللىقلىق ئېلىپ كەلدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مۇھەببەتكە تولغان باھاردا سىزنى ساقلايدۇ

    1970-01-01 08:00