• ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ

    ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى، زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ

    شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە ۋەزىيەتكە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ قاتارلىق تارماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇش قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئالدىدىكى، ئىمتىھان مەزگىلىدىكى، ئىمتىھاندىن كېيىنكى ھەرقايسى ھالقىلىرىغا قارىتا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەدبىر بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ - ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەي گۇاڭجيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە قارىتا ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 40 كۈندە يېپىق ھالقىلىق دەۋرىيلىك قاتتىق يولغا قويۇلدى، يەنى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقان ناھىيە، شەھەردە ئۆگىنىش قىلىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ناھىيە تەۋەسىدىن چىقىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشمايدۇ ھەم ئىمتىھاندىن ئىلگىرى قوش مۇداپىئە تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئېلىپ بېرىلدى؛ ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى 14 كۈندە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى كۈندىلىك سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرتتى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملاتتى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەدىنامىسى ئىمزالاپ، سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرۇش تارىخى، ئۇچرىشىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئەينەن مەلۇم قىلدى؛ ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرى، ئىمتىھان نۇقتىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يېتەرلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالارنى سەپلەپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى، زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىش ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىدى.

    خەي گۇاڭجيەن مۇنداق دېدى: ئىمتىھان نۇقتىسىدا لاپاس ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولمىغانلارنى قايتا تەكشۈرۈش ئۆيى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى، بارلىق ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا ئاندىن ئىمتىھان نۇقتىسىغا كىرەلەيدۇ، بىرىنچى قېتىم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش لاياقەتسىز بولسا، مۇۋاپىق ئارام ئالغاندىن كېيىن باشقا ئۈسكۈنە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قايتا ئۆلچىسە بولىدۇ. يەنىلا لاياقەتسىز بولسا ياكى ئىمتىھان كۈنى قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، جەزمەن سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئىمتىھانغا نورمال قاتنىشالايدىغان - قاتنىشالمايدىغانلىقىنى كەسپىي جەھەتتىن باھالىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئىمتىھان بېرىش شەرتىنى ھازىرلىغان ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار زاپاس ئايرىش ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بېرىدۇ.

    «ئۇنىڭدىن باشقا، سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى ھەم ئاتا - ئانىلارغا قارىتىلغان ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان تەشۋىشلىنىش، ئەنسىرەش قاتارلىق كەيپىياتلارغا قارىتا مەسلىھەت سوراش كۆزنىكى ھەم پىسخىكا جەھەتتە ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھاندىن ئىلگىرىكى پىسخىكا جەھەتتە يېتەكلەش قاتارلىق ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.» خەي گۇاڭجيەن يەنە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكېلىدىغان ئاتا - ئانىلار توپلىشىۋالماي، ئىمكانقەدەر ئىمتىھان رايونىدىن يىراق تۇرۇپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00