• ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ياخشى سەپەرگە چىقىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ھەرقايسى تاكسى كارخانىلىرىنى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئاپتوموبىللىرىنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئەگەر ئالدىن كېلىشىپ قويغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە، ۋاقتىدا زاپاس ساقلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا دەخلى يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. 


    ئادەتتىكى ئاپتوبۇس ۋە BRT ئاپتوموبىلى ئىمتىھان مەزگىلىدە ئالدىن تەكشۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكىلىق ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ ئەتىگەنلىك يولغا چىقىش ۋاقتى بىردەك سائەت 7:00گىچە بولىدۇ، BRT سۇپىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى يېشىل يول بىلەن تەمىنلەيدۇ.

     ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دەلىللەش ئارقىلىق ھەقسىز ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدۇ (BRT مۇ شۇنىڭ ئىچىدە). 

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاكسى شوپۇرلىرىغا ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، گۈدۈك چېلىشنى مەنئى قىلىشنى ئەسكەرتىدۇ.

     ئاپتوموبىللار دائىم دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، پات ـ پات شامال ئۆتۈشىدۇ، كەسىپكارلار پۈتۈن مۇساپىلىك ماسكا تاقايدۇ، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا يېتەرلىك ماسكا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ماددىي ئەشيالىرى سەپلەپ بېرىلىدۇ. 

    2004 ـ يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يولۇچى تىرانسپورت كەسپىدە مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش، ئىمتىھان بېرىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تاكسى شوپۇرلىرى پائال قاتنىشىپ، قىزغىنلىقى ئاشتى. ئۆتكەن 16 يىلدا ئۇدا قانات يايدۇرۇلغان« مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىمتىھانى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پائالىيىتىدە جەمئىي 38 مىڭ 800 ئادەم (قېتىم) ئوقۇغۇچى توشۇلۇپ، 219 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، 449 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرا ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى. 

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ـ تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مېي خەيبو مۇنداق دېدى: تاكسى شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ كۆزنىكى، مەركىزىي شەھەردىكى گۈزەل مەنزىرە لىنىيەسى، تاكسى شوپۇرى شەھەر مەدەنىيلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى. بۇ قېتىمقى مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قاتناش كاپالىتى ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتكە مېھىر ـ شەپقەت، ئاكتىپ كۈچ قوشتى. 


    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00