• ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى


    ئامىتاب باچچان ئاتا-بالا شەنبە كۈنى كەچتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى ۋە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرى پىچەتلىنىپ، يۇقۇم رايونى دەپ ئېلان قىلىندى. جايا باچچان، ئاشۋارىيا راي باچچان ۋە ئارادىيا باچچان قاتارلىق ئائىلە ئەزالىرى تەكشۈرۈش قوبۇل قىلدى.

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» تورى، فىلىمفەر تورى، بوللىۋود ھايات تورى قاتارلىق كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دەلىلىشىچە، ئاشۋارىيا ۋە قىزى ئارادىيا يۇقۇملانغان، بەختكە يارىشا ئاشۋارىيانىڭ قېيىنئاپىسى جايا يۇقۇملانمىغان. باچچان ئائىلىسى ھازىرچە بۇ توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىدى. ئىگەللىنىشىچە ئامىتاب ۋە جايانىڭ قىزى شۋېتانىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار يۇقۇملانمىغان.

    ئاشۋارىيا ۋە ئارادىيادا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەنلىكتىن داۋالاش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۆيدە ئۆزىنى ئايرىۋىتىش تەۋسىيە قىلىنغان.

    BMC ئاشۋارىيا ۋە ئارادىياغا يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئاشۋارىيا بىلەن ئارادىيادا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. ئۇلارنىڭ ئائىلە دوختۇرلىرى بۇ ئەھۋالنى باھالايدۇ ۋە دوختۇرخانىدا يېتىشنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى قارار قىلىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، دوختۇرخانىدا يېتىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.»

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»دە خەۋەر قىلىنىشىچە، ماخاراشتىرا سەھىيە مىنىستىرى راجېش توپې ئاشۋارىيا ۋە قىزىنىڭ ئۆيىدە ئايرىۋىتىلىشنى ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «مېنىڭچە بۇ بىر پۈتۈن ئائىلىنىڭ قارارى. ئەگەر ئۇلار ئۆيدە بولۇشنى ياخشى كۆرسە، ئۆيىدە تۇرالايدۇ. ئەگەر بىماردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، دوختۇرخانىغا بېرىش ۋە بارماسلىق بىمار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قارارى» دېدى.



    باچچان ئائىلىسىدىكىلەر كەينى-كەينىدىن يۇقۇملانغانلىقتىن، بۇ چولپان ئائىلىسى پۈتۈن ھىندىستاننىڭ دىققىتنى تارتقان. ھىندىستان سەھىيە تارماقلىرى ئامىتاب باچچاننىڭ بومبايدىكى تۆت تۇرالغۇسىنى پېچەتلەپ «يۇقۇم رايونى» دەپ بېكىتكەن. 12-ئىيۇل، ئالاقىدار خادىملار ئامىتابنىڭ دائىملىق تۇرالغۇسى بولغان جالساغا كېلىپ، بۇ تۇرالغۇنى پۈتۈنلەي دېزىنفېكسىيە قىلغان.

    ئالاقىدار خادىملار: «BMC بۈگۈن ئەتىگەندە ئامىتاب باچچاننىڭ تۇرالغۇسىنى تازىلىدى، ئۇ يەر بۈگۈندىن باشلاپ يۇقۇم رايونى دەپ ئېلان قىلىندى. ھېچكىمنىڭ ئۆيگە كىرىپ-چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بومباي ساقچىلىرى ئۇ يەرگە توسۇقلارنى قويدى، پەقەت مۇھىم بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ» دېگەن.

    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بومباينىڭ شەھەر باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىمى مۇنداق دېگەن: «باچچان ئائىلىسىنىڭ جالسا، جاناك، پراتىكشا ۋە ۋاتسا دەپ ئىسىم قويۇلغان تۆت تۇرالغۇسى يۇقۇم رايونى دەپ ئېلان قىلىندى. بىز ھازىر باچچان ئائىلىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 30 خىزمەتچى خەتەرلىك ئۇچراشقۇچى دەپ بېكىتىلدى».

    ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە باچچان ئائىلىسىدىكى 16 خادىم تەكشۈرۈلگەن، بۇ ئىشىك باقار ۋە ئۆي خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك خادىملار: «باچچان ئائىلىسىدىكى 16 خادىم تەكشۈرۈلدى، قالغان دوكلاتلار ئەتە كېلىدۇ» دېگەن.



    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00