• ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

     تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز چاۋ جىن، يۈەن لېي): گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۆت نەپەر ئاغرىق دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

        ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى ئىچىدە يېنىك تىپتىكىدىن بىرى، ئادەتتىكى تىپتىكىدىن ئۈچى بار. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، يۇقارقى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە داۋالاش ئەترىتىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشى-داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا داۋاملىق ياخشىلاندى، ئۇدا ئىككى قېتىم ۋە كۆپ قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك مەنبەسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە نەتىجىسى مەنپىي چىقتى، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى، ئۆپكە قىسمى رېنتىگىنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولۇپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 7-نۇسخىدىكى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى)دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى بىكار قىلىش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى».

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • زىدانى مۇسابىقىدىن بورۇن خان مادىرىد ھەققىدە تاراتقۇلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • يۇۋېنتۇس ئەنسىرىشى كېرەك؟ بۇ رېپىر ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ «باش ئاغرىقى»

    1970-01-01 08:00

  • بىر قانچە سائەتتىن كىيىن رونالدو بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىناقتىن بىرىگە دۇچ كىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • خوتەن شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى ھەرىكەتكە كەلدى !!

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەممەيلەننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى

    1970-01-01 08:00

  • كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەڭ، ئۆتمۈشكە باغلىنىپ قالماڭ!

    1970-01-01 08:00

  • 4 توننا كۆكتات ئاھالىلەرگە ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئۇ تيەنتيەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چاقناۋاتقان پىدائىيلار

    1970-01-01 08:00

  • تېببىي كۆزىتىش كىمگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ جاۋابى

    1970-01-01 08:00