新聞詳情

مۇكاپات پۇلىنى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەندىن سىرت پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاشقا ئىشل

發表時間:2020-08-25 02:31作者:ئەلكۈيى تورى來源:لاتارىيە مەركىزى

2020 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2020060 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قىزىل توپ نومۇرى:05، 09، 14، 20، 24، 30، كۆك توپ نومۇرى:08 قىلىپ بېكىتىلدى. شىنجاڭ بويىچە لاتارىيەچىلەر جەمئىي 8 دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 20424 يۈەن بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسى يىجيا گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان 65290194 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدىكى لاتارىيەچى بەختىگە يارىشا بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو مۇكاپاتقا ئېرىشتى، قوشۇمچە 6 دو 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 21624 يۈەن بولدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ئىشلەمچى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، ئۇنى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى«كىچىك بالا» دېيىشكە بولىدۇ، جاڭ ئەپەندى منىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر قايسى ئويۇنلارغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ئۇ 5 مىليون چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان قوش رەڭلىك توپقا ناھايىتى قىزىقىدۇ. 7-ئىيۇل، جاڭ ئەپەندى دەل ئارام ئېلىۋاتقان بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلغاندا، 65290194 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. « يۆنىلىش خەرىتىسىنى مەن تەتقىق قىلىشنى بىلمىگەچكە، دەرھاللا ماشىنا ئارقىلىق نۇمۇر تاللىدىم، ئارانلا 14 يۈەن خەجلىدىم، مال ساتقۇچى ماڭا شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، پۇل تۆلەپ بولۇپ بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن، مەن ئۆيگە قايتتىم. »-دېدى جاڭ ئەپەندى مۇكاپات ھەققىدە سۆزلىگەندە.

ئويلىمىغان يەردىن جاڭ ئەپەندىم« ۋاقىتلىق ئويى» بىلەن 21624 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدە لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرغاندا، جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مال ساتقۇچىغا: « ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم، ناھايىتى قانائەتلەندىم، مەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. » ، مال ساتقۇچى جاڭ ئەپەندىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭغا پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى. جاڭ ئەپەندى سېتىۋالغان 14 يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ لاتارىيەسىنىڭ 5.04 يۈەنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، جاڭ ئەپەندىگە ئوخشاش نۇرغۇن مېھىر-شەپقەتلىك لاتارىيەچىلەر بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان. ئاددىي-ساددا جاڭ ئەپەندى بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەندىن سىرت پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كىچىككىنە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

20200825175345_28204.png


分享到: