新聞詳情

سانجى شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

發表時間:2020-09-01 02:35作者:ئەلكۈيى خەۋەرلىرى來源:لاتاريە مەركىزى

7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى بوستانلىق شىمالىي يولى غەربىي يۇرت ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسىغا جايلاشقان 65238073 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، لاتارىيەچىلەر ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، 1.5 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، ماسكا تاقاپ، تەرتىپلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق جىلۋىلەندى. « تۈنۈگۈن، بۇ يەردە 5 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى، بىزمۇ بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇق ھەمدە تەلەي سىناپ باقماقچى بۇلۇپ كەلدۇق» ــ دېدى لاتارىيەچى ھاياجانلانغان ھالدا.

7-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، < < شىنجاڭ جىلۋىسى> > 35 تاللاش 7 ئويۇن 2020041-قارار مۇكاپاتى كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئارزۇسى ئىچىدە ئېچىلدى 09، 14، 19، 20، 21، 25، 27، ئالاھىدە نومۇر 03 ، سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 09، 11، 14، 19، 20، 21، 25، 27 سەككىز نومۇر بىلەن 16 يۈەن تەكرار دو تىكىپ، بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپا 5 مىليون يۈەنگە ئېرىشپلا قالماستىن، يەنە قوشۇمچە مۇكاپات چىقىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يەتتە 7 دو 3 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 1113 يۈەن بولۇپ، بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى جەمئىي 5 مىليون 77 مىڭ 910 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان تەلەيلىك كىشى دېيشىكە بۇلىدۇ.


分享到: