ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

شىخەنزە شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 20000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2020-09-10 12:14作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پارۋانلىق لاتارىيە مەركىزى

2020ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىن يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

« ئاخىرى سىرتقا   چىقىدىغان بولدۇق». 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، شىخەنزە شەھىرىدىكى لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى دوستلۇق سودا سارىيىغا بېرىپ ئايلىنىپ، بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى. ليۇ ئەپەندى سودا سارىيىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شياۋخۇاڭرېن» نى كۆرگەندە، ئىختىيارسىز 10 يۈەنلىك «لۇڭفېڭ چېڭشياڭ» بېلىتىنى سېتىۋالدى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلىمىغان ليۇ ئەپەندىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى ، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن بولدى. ئەتراپتىكىلەر ھەۋەس بىلەن قاراشتى، ليۇ ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە تېخىمۇ خورسىنغان ھالدا: « بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە مېنىڭ قايتا ئىشقا چۈشكەنلىكىمنى تەبىرىكلىگەن كاتتا سوۋغات» دېدى.

بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ قىممىتى 10 يۈەن، 10 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ يۈەن، ئۇ توي مۇراسىمى باش تېمىسىدىكى خاتىرە لاتارىيە بېلىتى بولۇپ، نەپىس لايىھەلەنگەن، بېلەت يۈزى جانلىق. ئاساسىي كۆرۈنۈشلەرگە ئەنئەنىۋى سېرىق، قىزىل رەڭلەر ماسلاشتۇرۇلغان قۇت نەقىشلىك ئەجدىھا ۋە سۇمۇرغ چۈشۈرۈلگەن، تەگلىككە تۆت تەرەپتىن ئۇدا بۇلۇت سىزىقلىرى ۋە بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى بولغان« بەخت-سائادەت رەسىمى» ئىشلىتىلگەن بولۇپ بەخت-سائادەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلغان، باش تېمىسى گەۋدىلىك، رەڭلىرى شاد-خۇراملىققا تولغان. ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلار خەيرلىك، مۇھەببەت، بەخت-سائادەت دېگەن مەنىلەر يوشۇرۇنغان. ليۇ ئەپەندىنى دەل «لۇڭفېڭ چېڭشياڭ» نىڭ سىرتقى لاھىيەسى جەلپ قىلىنغان.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى ليۇ ئەپەندى ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق ئشلىتىش توغرىسىدا توختالغاندا، ليۇ ئەپەندى ئايالىغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئايالىم نېمە دېسە شۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئايالى خۇددى گۈلدەك بەختلىك بولۇپ، بۇ يىل يۇقۇم سەۋەبلىك كىرىمى خېلى زور تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ ليۇ ئەپەندىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاش ئۈچۈش ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

3.png

分享到: