ئامەت كەلسە دېمەيلا كىلىدۇ ھەمدە توسۇپمۇ قالغىلى بولمايدۇ发表时间:2022-05-19 15:50来源:ئەلكۈيى تورى نۇرغۇن تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچىلەر 3D ئويۇنلىرىنى قالتىس ئويناپلا قالماي، يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، غۇلجا شەھىرىدىن كەلگەن لاتارىيەچى لاۋجۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى. يېقىندا، لاۋجۇ 100 ھەسسىلىك يەككە تاللاش ئوسۇلى ئارقىلىق 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لاۋجۇنىڭ لاتارىيە ئوينىغىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، گەرچە ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنى ناھايىتى پىششىق بىلسىمۇ، لېكىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى يەنىلا 3D ئويۇنى ئىدى. لاۋجۇ:«مېنىڭ 3D ئويۇنىنى ياقتۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، بۇ خىل ئويۇننىڭ نومۇر تاللىشى ئاددىي، قىزىقارلىق، مۇكاپاتقا ئېرىشىش تۇيغۇسى ناھايىتى ئالاھىدە.»-دېدى. ئادەتتە لاتارىيە سېتىۋالغاندا، لاۋجۇ شۇ كۈندىكى كەيپىياتقا ئاساسەن دو تىكىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ، تاللىغان نومۇرغا قارىتا ئالاھىدە سېزىمى بولغان ۋاقىتتا دو تىكىش ھەسسە سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىدۇ. 4 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، لاۋ جۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش غۇلجا شەھىرىدىكى 65410352 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۇدۇل 3D ئويۇنى نومۇر تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، تەتقىقاتنى باشلىدى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك نومۇر « 519» نى تاللاپ چىقتى ھەمدە 50 ھەسسە بويىچە دو تىكتى. لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ئەمدىلا پونكىتتىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا، لاۋجۇ يۇرىكى باشقىچە سوققاندەك ھېس قىلدى، سىزىمىنى يامان ئەمەس ھېس قىلدى، نېمىشقا كۆپرەك دو تىكمەيمەن دەپ ئويلىدى، ۋە شۇنىڭ بىلەن لاتارىيە بېلىتى يەنە بىر قېتىم « كۆچۈرۈپ» چىقتى. ئامەت كەلسە دېمەيلا كىلىدۇ، شۇ كۈنى كەچتىكى 3D ئويۇننىڭ مۇكاپات نومۇرى دەل « 519» بولۇپ، لاۋجۇ جەمئىي 104000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. لاۋجۇ ئۆزىنىڭ تۇيغۇ سىزىمىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتى، تەھرىرمۇ كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۇيغۇ سىزىم ھەقىقەتەن مۇھىم، لېكىن مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم،ھەممەيلەن ئۆز ئەھۋالىمىزغا قاراپ لاتارېيە بىلىتى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. (ئىلى ياڭخۇي) |