مورى ناھىيىسىدىكى سەيمىن شياۋ لى 16000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى发表时间:2022-05-30 16:45来源:ئەلكۈيى تورى « شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، قىزىقارلىق بولغاچقا، لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. قانداق مۇكاپات چىقىدۇ؟ بۇ سوئالغا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيىچىلەرنىڭ جاۋابى كۆپ خىل ھەم سەر خىل . تەتقىقات قىلدىغانلار بار، تەھلىل قىلىدىغانلار بار، خالىغانچە گۇرۇپپىلانغان نومۇرلار بىلەن دو تىكىدىغانلار بار، يەنە كۆتەك تۈۋىدە توشقان ساقلىغاندەك ئۇزاق مۇددەت نومۇرى ئۆزگەرتمەي نومۇرنى ساقلايدىغانلار بار... سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيىسىدىكى سەيمىن شياۋ لى دەل كۆتەك تۈۋىدە توشقان ساقلىغاندەك ئۇزاق مۇددەت نومۇرى ئۆزگەرتمەي نومۇرنى ساقلايدىغانلار تىپىغا تەۋە. 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، شياۋ لى نومۇر ساقلاپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2022118 -قاراردا 2 دو «ئوننى تاللاپ توققۇزنى تاللاش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 8000 يۈەن، جەمئىي 16000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شياۋلى لاتارىيە سېتىۋالغان 65230121 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شياۋ لى بۇ يىلنىڭ بېشىدا «شادلىق 8» ئويۇنى بىلەن يىڭى ئۇچراشقان بۇلۇپ، دەسلەپتە ھەر خىل دو تىكىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان، ئون خىل ئويناش ئۇسۇلىنى ئويناپ باققان، ئاندا-ساندا كىچىك مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن. شياۋ لى ئىزچىل بىر دو نومۇرنى ساقلاپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم «شادلىق 8» ئويۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى نومۇرى بۇلۇپ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى، شۇڭا ھەر قاراردا ئىككى ھەسسە دو تىكەتتى. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، شياۋ لى بىر نومۇرنىڭ كەم بولمىغان بولسا 10 مىليون يۈەن مۇكاپات ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىم تەلەي دېگەندەك ياخشى ئەمەس، گەرچە پەقەت 9 نومۇرلا چىقىپ، 16000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكە بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزىنى تەلەيلىك ھىس قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق لاتارىيە ئىشلىرىنى قوللاپ، تېخىمۇ ياخشى تەلەينىڭ كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (مورى مايۇڭخۇ) |