ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندى ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدى

发表时间:2022-06-24 12:08作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

6-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەتە، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يۇرتىغا قايتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ ئەيخۇا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ھۆججىتىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 20 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ 2022 ـ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە، «مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە بېلىتى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى خۇڭجى ياردەم بېرىش تۈرى» نى يولغا قويۇش تىلغا ئېلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ئاممىغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش، ياردەم بېرىش ـ يۆلەش يولغا قويۇلدى.

«خۇڭجى ياردەم بېرىش پىلانى»

لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىق فوندى مائارىپ مىنىستىرلىقى 2021 ـ يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش تۈرى بولۇپ، 2021 ـ يىلى «خۇڭجى ياردەم بېرىش پىلانى» دا تور سىرتىدا تەربىيەلەنگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 50497 نەپەر، توردا تەربىيەلەنگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 352000 نەپەر بۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ، خىزمەت ئىزدەش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. 2022 ـ يىلى پۈتۈن يىلدا تور سىرتىدا 100 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىپ، توردا 500 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىدۇ.

تور سىرتىدا تەربىيەلەشنى مەملىكەت بويىچە 135 دانە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش بازىسى تەشكىللەپ يولغا قويىلىدۇ، ئاساسلىقى 2022 ـ نۆۋەتلىك ۋە قىسمەن 2023 ـ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىدۇ. تەربىيەلەش مەزمۇنى ئۆز ـ ئۆزىنى بىلىش، كەسىپ ئۈستىدە ئىزدىنىش، نىشاننى تاللاش، ئوقۇش تارىخىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئون ئاساسىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش تەييارلىقىدىن كېلىشىم تۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان پۈتۈن جەرياننى قاپلىغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى جايلاردىكى تەربىيەلەش بازىلىرىدىن نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋاقتىنى ئىگىلىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. تەربىيەلەش بازىلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، تەربىيەلەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

توردا تەربىيەلەشنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمىتى ۋە ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش تور سۇپىسى ئارقىلىق قانات يايدۇرىدۇ، تەربىيەلەش بايلىقى مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. سۇپا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «ئالاقە تورى + ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش» كۆپچىلىك پاراۋانلىقى بىۋاسىتە كۆرسىتىش دەرسى ۋە داڭلىق كارخانىلار تەمىنلىگەن ئەلا سۈپەتلىك دەرسلەرنى بىرىكتۈردى، سىن سانى 2500 دىن ئاشتى، ئاساسلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، شەھەر تونۇشتۇرۇش، كەسىپ چۈشەندۈرۈش، كەسىپ ئانالىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزى تاللىسا بولىدۇ، سۇپا بەلگىلەنگەن ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ئىسپاتى بېرىدۇ.

ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يولغا قويۇش جەريانى



مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنىڭ قوللىشى بىلەن، «خۇڭجى ياردەم بېرىش پىلانى» مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى.

5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 29 ـ كۈنىگىچە، يۈننەن مىللەتلەر داشۆسى «خۇڭجى ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە تور سىرتىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا 60 كۇرسانت قاتناشقان بولۇپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى 15 شۆيۈەننى قاپلىغان، 12 ئاز سانلىق مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۇرسانتلار ئاساسلىقى 2022 ـ ۋە 2023 ـ نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان.

تەربىيەلەشتە گۇرۇپپىلار بويىچە مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، كوللېكتىپ ۋەزىپە، گۇرۇپپا پائالىيىتى، دېلو مىساللىرى بويىچە مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئارقىلىق، خىزمەت ئىزدەش ئانالىزى ۋە ئەۋزەللىكنى پەرقلەندۈرۈش، خىزمەت ئىزدەش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە باشقۇرۇش، خىزمەت ئىزدەش قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يېزىش، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىش ۋە يازما پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىزدەش يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بۆلەكلەر بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەربىيەلەش مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر بىر قىسىم مەزمۇندا ئەمەلىيەت پائالىيىتى ھالقىسى تەسىس قىلىپ، ئىزدىنىش شەكلىدىكى تەربىيەنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، ئوقۇغۇچىلارنى قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئىشلەش داۋامىدا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، كۆرۈنەرلىك تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى.

يېقىندا، « مەركەزنىڭ مەخسۇس لاتارىيە كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندى خۇڭجى ياردەم بېرىش پىلانى» بويىچە مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشەربىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بازىسى) لەنجوۋ شەھەر شۆيۈەنىدە ئوقۇتۇش كۇرسى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن 100 ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىدا، دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئۆگىتىش، گۇرۇپپا مۇھاكىمە قىلىش، كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش، نەق مەيداندا نامايان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارى ۋە ئەۋزەللىكىنى تەھلىل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، خىزمەت ئىزدەش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خىزمەت ئىزدەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئەمەلىي ئىقتىدارى قاتارلىق يادرولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپلەرمۇ توردا تىزىملىتىش ياكى تەربىيەلەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىردى، لاتارىيە بېلىتى كۆپچىلىك پاراۋانلىقى فوندىنىڭ ياردىمىدە، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنىنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەنبە: شىنخۇا لۈنسەي (新华论彩)

分享到: