ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

خالىسانە ئەمگەك ئارقىلىق شەھەرنىڭ قىياپىتىنى نۇرلاندۇرايلى

发表时间:2022-07-05 12:48作者:ئەلكۈيى تورى来源:ئەلكۈيى تورى

ئىلى پاراۋانلىق دالا مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ئەترىتى 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى غۇلجا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «1 ـ ئىيۇل بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، پارتىيەگە سوۋغا تەقدىم قىلىش، شەھەر باشقۇرۇش، شەھەر مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش» كۆپچىلىك پاراۋانلىقى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىلى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى مەركىزىدىكى 45 نەپەر دالا مېھرى ـ شەپقەت پىدائىيسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

غۇلجا شەھىرى بايانداي بازىرى غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ ـ چىقىشتىكى مۇھىم يول، 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ئەتىگەندە 45 پىدائىي بۇ يەرگە كېلىپ، ھەرىكەت بۇيرۇقىنى كۈتتى، كۆپچىلىك چېلەك، ھاك، چوتكا قاتارلىق سايمانلارنى كۆتۈرۈپ، ئايرىم ـ ئايرىم بەلگىلەنگەن يولنىڭ يېنىغا كېلىپ، دەل ـ دەرەخلەرگە «يېڭى كىيىم» كىيدۈرۈشكە باشلىدى. شۇ كۈنى تېمپېراتۇرا 36 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى، پىدائىيلار پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، چىلىق ـ چىلىق تەرگە چۆمۈپ، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئاتلاندى، گەرچە پۈتۈن بەدىنى ھاك بىلەن بويالغان بولسىمۇ، ئېڭىشىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى پۇلاڭلىتىپ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى كۆپ قېتىم تەكرارلىغان بولسىمۇ، لېكىن پىدائىيلارنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقىن قىلچە بوشاشمىدى. بىر كۈن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، 5000 مېتىردىن ئارتۇق يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى 1500 تۈپتىن ئارتۇق دەرەخ «يېڭى كىيىم» كەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە ئەخلەتلەرمۇ پاكىز تازىلاندى، يېپيېڭى قىياپەت ھەش ـ پەش دېگۈچە بايانداي بازىرىغا ھۆسن قوشتى.

(پاراۋانلىق لاتارىيىسى پىدائىيلىرى دەلەرەخلەرنى ئاقارتماقتا)

(ئاقارتىلغان قاتار دەرەخلەر)

25 – ئىيۇندىن 27 – ئىيۇنغىچە، غۇلجا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى «تولۇق قاپلاش، يوچۇق بولماسلىق» قا ئاساسەن، يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلىشنى تۈزەش، كونا ۋىۋىسكىلارنى تۈزەش، شەھەر قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەشلەرنى نۇقتىلىق تەلەپ قىلىنىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پىدائىيلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدىكى چوڭ – كىچىك كوچىلارغا بېرىپ، مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى غول يوللارنىڭ تازىلىقلىرىنى تازىلاش، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەخلەتلەرنى تازىلاش، قالايمىقان قويۇپ بېرىشنى تۈزەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئايلىنىپ يۈرۈپ ئەخلەت تېرىش، تەرتىپ بويىچە موتوسىكلىتنى تىزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ھەمدە بەلگىلەنگەن نۇقتىدا دىجورنىلىق قىلىدى، مەينەتلىشىپ كەتكەن ھامان تازىلاش، ئەخلەت تاشلانغان قويغان ھامان سۈپۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر غول يوللىرىنىڭ پاكىزلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، شەھەر رايونىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ساقلىدى.

(پاراۋانلىق لاتارىيەسى پىدائىيلىرى مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى)

پاراۋانلىق لاتارىيە پىدائىيلىرىچارچىساقمۇ ھېچقىسى يوق، بىز ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، شەھەر گۈزەللىكىگە ئازراق تۆھپە قوشۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ پاكىز، رەتلىك مۇھىتى بىلەن پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)

分享到: