ئىزچىل ئورۇقلاشقا تىرىشقان بولسىڭىزمۇ نېمىشقا ئورۇقلىيالمايسىز؟发表时间:2022-07-25 17:33来源:سىنا سېمىزلىك بەدەن شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئادەم بەدىنىگە كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان شېكىرى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىقلار. ھاۋا بارغانسېرى ئىسسىپ، كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئىستىكى بارغانسېرى كۈچەيدى. بۈگۈنكى كۈندە ئورۇقلاش قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. لېكىن، قانچە ئورۇقلىغانسېرى بەدەن شەكلىدە ئۆزگىرىش بولماسلىقىدەك ئەھۋالمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلماقتا. بىر دوختۇر زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «سېمىزلىك بەدەن شەكلىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئادەم بەدىنىگە كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان شېكىرى، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار. ئاياللار توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنە ھەيز نورمالسىزلىشىش، ھەتتا تۇغماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» قايسى كىشىلەر ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ؟ ئۇ دوختۇر يەنە مۇنداق دېدى: «سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىرسىيەت ئامىلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئامىلى ۋە پىسخىكا ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاماقنى كۆپ يەيدىغان، ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يەنە بىر خىل كىشىلەر توپى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتى تۆۋەن كىشىلەر توپى. بۇ خىل كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭ تال زەئىپلىشىپ كۆپىنچە بەدەن شەكلى سېمىز، مۇسكۇللىرى بوشىشىپ كەتكەن بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ تومۇز ئىسسىق ياز پەسلىدە ئەمدىلا توڭلاتقۇدىن ئېلىنغان سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى يېمەسلىك كېرەك. سوغۇق يېمەكلىكلەر تال ۋە ئاشقازاننى ئاسانلا زەخىملەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئاستىلىتىپ، ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش شەكىللىنىدۇ.» ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: «تال زەئىپلىشىپ كەتكەن كىشىلەر كەتىرا، پىچەكگۈل، ئىئوۋلېۋا دېنى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ نەملىكنى يوقىتىپ، تالنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ مۇۋاپىق چېنىقىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.» |