ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

ئاجەي دېۋگان بىلەن سۇرىيا 2022-يىللىق مەملىكەتلىك كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

发表时间:2022-07-25 17:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:بوللىۋود


2022-يىللىق 68-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كىنو مۇكاپاتى 22-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «سۇنماس ئىرادە» (Soorarai Pottru) ۋە «تاناجى: نامسىز قەھرىمان» (Tanhaji: Unsung Warrior) ناملىق كىنولىرى ئۈچۈن كوللىۋودنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى سۇرىيا ۋە بوللىۋودنىڭ گىگانىت چولپىنى ئاجەي دېۋگانغا بېرىلدى.

بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا سۇرىيا بىلەن ئاجەينىڭ مەستانىلىرى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ئۇلارنى ئالاقە تورىدا تەبرىكلىدى. ئۆزلىرىنىڭ غەلبىسىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ھېس قىلغان ئاجەي ۋە سۇرىيا ھەر ئىككىسى مەستانىلىرى، ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى ۋە يېتەكلىگۈچىلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

23-ئىيۇل سۇرىيا 47 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئالاقە تورىغا چىقىپ، مەستانىلىرىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە چىن كۆڭلىدىن ئۇچۇر يازدى ھەمدە مۇنداق دېدى: «بىزگە يېتىپ كەلگەن ۋە ھاياتىمىزنى ھازىرغىچە بېيىتقان بارلىق ياخشى تىلەكلەرگە ۋە مەدەتلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز <سۇنماس ئىرادە> ناملىق كىنونىڭ بەش قېتىملىق مەملىكەتلىك كىنو مۇكاپاتىدىن خۇشاللاندۇق. فىلىمىمىز ئالاھىدە مەزگىلدە توردا قويۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مىنى <سۇنماس ئىرادە>دە ناملىق كىنودا رول ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ۋە مىنى قوللىغان، ساھەدە كەسىپدىشىم، ئائىلىدە بالىلىرىمنىڭ ئاپىسى بولغان ئايالىم جيوتىكاغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا تىرىشچانلىقىمنى ھازىرغىچە رىغبەتلەندۈرگەن بارلىق كىشىلەرگە ۋە مېنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان دادام، ئاپام ۋە ئىنىم كارتىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى ۋە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، رەھمەت سىلەرگە! مەن بۇ مۇكاپاتنى بالىلىرىم ۋە سۆيۈملۈك ئائىلەمگە بېغىشلايمەن».

ئوخشاشلا، ئاجەي دېۋگانمۇ مەملىكەتلىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن مەملىكەتلىك كىنو مۇكاپاتىغا ئەڭ ھۆرمەت قىلىمەن ھەمدە ئەڭ ياخشى ئارتىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈچىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنغانلىقىمدىن خۇشالمەن. مەن سۇرىيا ۋە باشقا تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تەبرىكلەيمەن».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مۇكاپات ۋە بېلەت كىرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كەسپىي ھاياتىمنىڭ بۇ باسقۇچىدا، ماڭا بېسىم ياكى تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەن ھىندىستان كىنوچىلىقىدا 30 يىلنى تاماملىدىم. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، كىنو مىنىڭ ھاياتىم».


分享到: