ئەلكۈيى تورى مەخسۇس سەھىپىسى

تېسلا ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسىنى تەڭشىدى

发表时间:2021-02-19 12:13作者:ئەلكۈيى来源:IT

640-24.gif640-59.png

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمەت تورىدا Model 3 ،Model Yدىن ئىبارەت ئىككى خىل توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە Model 3 ئۆلچىمىنىڭ ئۇدا يۈرۈش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنىڭ باھاسى 36 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 238 مىڭ 600 يۈەن) بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى 249 مىڭ 900 يۈەنلىك باھادىن تۆۋەن ئىكەن.



باھا تەڭشەشتىن ئىلگىرى Model 3 ئۆلچىمىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنىڭ باھاسى 37 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ تەڭشەلگەندىن كېيىن 1000 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلىتىلگەن، Model 3نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلمىگەن نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ 46 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ Model 3نىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى ئاشقان بولۇپ نۆۋەتتە 55 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 361 مىڭ يۈەن) بولغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدا يۈرۈش مۇساپىسى 605 كىلومېتىر بولۇپ، سائەت سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىشىگە 3.3 سىكۇنتلا كېتىدۇ، قوش ئېلېكتر موتور ئورنىتىلغان بولۇپ تۆت چاقنىڭ ھەممىسى سۆرەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كاربون تالالىق ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش تاختىسى ۋە ئالىي دەرىجىلىك تورمۇز قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 339 مىڭ 900 يۈەن.



تېسلانىڭ Model Yنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى ئوخشاشلا تەڭشەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 2000 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ، 39 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 258 مىڭ يۈەن) بولغان، بۇ خىل ماشىنا تىپى دۆلەت ھازىرچە ئىچىدە سېتىلمايدۇ.

Model Y يۈرۈش مۇساپىسى ئۇزۇن نۇسخىسىغىمۇ قوش ئېلېكتر موتور سەپلەنگەن، ئامېرىكىدا سېتىلىش باھاسى تەڭشەلمىگەن بولۇپ، 49 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 322 مىڭ يۈەن) . بۇ ماشىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 339 مىڭ 900 يۈەن. Model Y يۇقىرى ئىقتىدارلىق نۇسخىسىنىڭ ئامېرىكىدا باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، 60 مىڭ 990 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 393 مىڭ يۈەن)غا يەتتى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش باھاسى 369 مىڭ 900 يۈەن.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تېسلانىڭ ئامېرىكىدىكى بۇ قېتىملىق باھا تەڭشىشى Model 3، Model Y دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاپتوموبىل تىپىنىڭ باھا پەرىقىنى چوڭايتىپ، مەھسۇلاتنى ھەرقايسى خېرىدارلار توپىغا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتمەكچى بولغان.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: