新闻详情

سىز  ئۈچ د ئويۇنىدا نۇمۇر تاللاشتا قانداق تاللايسىز ؟

发表时间:2020-08-25 02:11作者:ئەلكۈيى تورى来源:پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

7 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى كەچتە، ئاقسۇ شەھىرى يىنسەنجياۋ ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان 65290121 پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىش پونكىتىدا، بىر لاتارىيەچى ئىككى تال تاق نومۇرنى 20 ھەسسىلەپ دو تىككەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر   دو نومۇر بىلەن بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ 800 يۈەن بولغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى گۇڭ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشچە، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتە ئۇنىڭ نومۇر تاللاش ماھارىتى ئاساسلىق رول ئوينىغان.

u=820220184,1235747629&fm=26&gp=0.jpg

گوڭ ئەپەندىم ئېيتقان نومۇر تاللاش ماھارىتى بولسا ‹ ‹ سوغۇق نومۇر › ›. گۇڭ ئەپەندى ئادەتتە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئورگان تورىدا 3D ئويۇنلىرىنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ مەخسۇس ئۇزۇندىن بۇيان ئېچىپ باقمىغان نومۇرلارنى تېپىپ سېتىۋالىدۇ. ئۇ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: « قائىدە بويىچە، ئادەتتىكى نومۇردا 2 ~ 3 يىل ئىچىدە ھامان مۇكاپات چىقىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇزۇندىن بۇيان مۇكاپات چىقىپ باقمىغان نومۇر بولسا، گۇڭ ئەپەندى چوقۇم ئەگىشىپ ماڭىدۇ.

ئىككى ئاي ئىلگىرى، گۇڭ ئەپەندى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا نومۇر تاللاپ، 3D ئويۇنى لاتارىەي بېلىتى سېتىۋالغان، شۇ چاغدا تەلىيىگە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم، ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇزۇندىن بۇيان چىقىپ باقمىغان بىرنەچچە نومۇرنى بايقىدى، ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ چىققان نومۇرى« 109» ، « 190» ئىدى. بىر قانچە قېتىم ئەگەشكەندىن كېيىن، ئويلىمىغان يەردىن« 109» بۇ نومۇر 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بەخت يارىشا مۇكاپات نۇمۇرى بۇلۇپ ئېلان قىلىندى. مۇكاپات سوممىسى 20 مىڭ 800 يۈەن بولدى!

گۇڭ ئەپەندى: « نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلار 3D ئويۇنىغا ئوينىغادان، ھامان باش-ئايىغى يوق ئويلىنىشلارغا دۇچ كىلىدۇ. بۇ چاغدا مەن ئىشلىتىۋاتقان "سوغۇق نومۇر تاللاش" ئۇسۇلىنى سىناپ باقسا بولىدۇ، بەلكىم كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! » دېدى.


分享到: