新闻详情

چىڭگىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سۈرەتتەك ئالتۇن رەڭ مەنزىرە

发表时间:2020-10-10 14:01作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدە، ئىككى دەريا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى قاسنىقىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىدا قوشۇلۇپ چىڭگىل دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇلار چوڭ چىڭگىل دەرياسى ۋە كىچىك چىڭگىل دەرياسى.

چوڭ چىڭگىل دەرياسى ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى بۇرگىنداپان، چاغانغول ئەتراپلىرىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 103 كىلومېتىر، ئېقىن كۆلىمى 1934 كىلومېتىر، ئېقىننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2371 مېتىر، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى دېڭىز يۈزىدىن 3659 مېتىر، دەريا سۈيى ئېگىز تاغلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى، يامغۇر سۈيى ۋە بۇلاق سۈيىدىن ھاسىل بولغان.

چوڭ چىڭگىل دەرياسىدا ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ساي تېرەك، ئاق قېيىن، چاتقال ۋە كۆپ يىللاردىن بۇيان كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەريا ۋادىسى ئورمىنىنى سۇغىرىپ كەلمەكتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، دەريا ۋادىسى ئورمانلىقىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى بارغانسېرى موللاشتى.

كەچ كۈزدە، ئەگرى-بۈگرى دەريا ۋادىسىدىكى سۇ سىستېمىسىغا جور بولغان ھەر خىل دەل-دەرەخ ۋە چاتقاللار ئالتۇندەك پارقىراپ، چىڭگىل دەرياسىنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى






分享到: