新闻详情

شىنجاڭ بايىنغولىن: باغراش كۆلىدە ئاق قۇلار ئۇسسۇلغا چۈشتى

发表时间:2020-10-10 17:49作者:ئەلكۈيى تورى来源:تىيانشان تورى

  خەلق تورى خەۋىرى: 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى بەيلۇجوۋدا، ئاق قۇلار كۆلدە ئۇسسۇل ئويناپ، ئوزۇقلۇق ئىزدىدى، ئوينىدى، رومانتىكىلىققا تولغان ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى مۇھىت ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، كۆل رايونىدىكى ياۋا قۇشلارنىڭ تۈرى ۋە سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، باغراش كۆلى قۇشلارنىڭ كۆچۈش جەريانىدا توختاپ ئۆتىدىغان، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان تەبىئىي سورۇنىغا ئايلاندى.(نيەن لېي فوتوسى)


分享到: