新闻详情

قوش بايرامدا شىنجاڭ ساياھىتى قىزىپ كەتتى

发表时间:2020-10-10 17:54作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى ھەقىقىي مەنزىرىلىك ئويۇن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ( ئادىلجان ئابدۇقادىر فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەت بازىرى ئىنتايىن قىزىپ، دۆلەت ئىچىدىن جەمئىي 15 مىليون 354 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.78 ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 8 مىليارد 413 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

ھەرقايسى جايلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ساياھىتى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېۋە - كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «ساياھەت +» شەكلى ئارقىلىق، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا تۇنجى قېتىملىق قار تېيىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى «بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ ناخشا ئېيتىپ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش» «خەنفۇ كىيىپ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتا جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش» «ئۆزى قول سېلىپ يۆبىڭ نان ياساش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. توقسۇ ناھىيەسى 3 - نۆۋەتلىك يېزا - كەنت مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ۋە قۇملۇق گۈلزارلىقى تەنھەرىكەت ماھارەت مۇسابىقىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، يوپۇغا ناھىيەسى تۆگىگە مىنىپ ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى يەنە نۇرغۇن ئېتىبار تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى دوختۇر - سېسترالار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىغا قارىتا ئىشىك بېلىتىنى پۈتۈن يىللىق كەچۈرۈم قىلدى، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە مەنزىرە رايونى(نۇقتا)لىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى يېرىم باھاغا چۈشۈردى. قومۇل شەھىرى ئۆز جايىنىڭ ساياھەت بازىرىغا قارىتا، يۈرۈشلۈك ئېسىل لىنىيەلەرنى ئاچتى ھەمدە مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى، مېھمانسارايلارنىڭ ياتاق باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

ھەرقايسى جايلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىي مېلودىيەسى دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بازىرىدا يېتەكچى ئورۇندا تۇردى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى، ئېكولوگىيە سەيلە - ساياھىتى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. بۈگۈر، پوسكام، مورى قاتارلىق جايلار يولغا قويغان ئالتۇن كۈزدە توغراقلىقتا ئۇچرىشىش ساياھەت پائالىيەتلىرى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونلىرى ئېتىبار بېرىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭ ساياھىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى مۇقىم ئاشتى.


分享到: